مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئائىلىدە مۈرە قىسمىنى چەمبەر شەكلىدە ئالدى- كەينىگە ئايلاندۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ: ئاغرىغان بىلەكنى ئۆرە تۇرۇپ تەبىئىي تۆۋەنگە ساڭگىلىتىمىز، جەينەك تۈز سوزۇلىدۇ، ئاغرىغان بىلەكنى ئالدى تەرەپتىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ كەينىگە چەمبەر شەكلىدە ئايلاندۇرىمىز، ئاستا- ئاستا ئايلاندۇرۇپ، بارا- بارا تېزلىتىمىز، بۇ ھەرىكەتنى قايتا-قايتا ئىشلەيمىز، ھەر نۆۋەتتە 10- 15 قېتىم، بىر كۈندە ئون نۆۋەت ئىشلىسەك بولىدۇ. ئىشلەشتىن بۇرۇن قىسمەن دائىرىدە بەدەن قىزىتىش، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن باشلاش ياكى قىزىقراق لۆڭگە بىلەن ئاغرىق مۈرىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى 10- 15 مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەش تەكلىپى بېرىمىز.
مۈرە قىسمىنى چەمبەر شەكلىدە ئايلاندۇرۇپ بەرگەندە مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
13:20:50 2024-10-30
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义