− ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدا تەھلىل
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ
رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى... ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ بىر پارچە «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايون ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ كۈچ چىقىرىپ، بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى تېز يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
بىر قاتار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جان تىكىپ ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقى، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقانلىقىدىن كەلگەن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يەنە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملايدۇ.
كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى
10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۇزاق ياڭرىغان گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيە(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىتوۋمېي 1- نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدىن قېزىلغان 3500 توننا كۆمۈر لىق قاچىلانغان پويىز چۇڭچىڭ گويۈەن پورت- پىرىستان چەكلىك شىركىتىنىڭ مەخسۇس پىرىستانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى سەنتاڭخۇ شىتوۋمېي 1- نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپلەشكەن سەرخىل باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «سەرخىل» داڭلىق ماركا ياراتتى. 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، بۇ شىركەت جەمئىي 22 مىليون 240 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9 ئاشقان.
«بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، چوڭ- چوڭ سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا، سۈپىتىنىڭ ئۆسۈپ ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى خاۋ جۈنچىڭ.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بارلىق سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %35 بولۇپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. نۇقتىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىن قارىغاندا، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 373 مىليون توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4- ئورۇندا تۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.4 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 24 مىليون 718 مىڭ 300 توننا ۋە 31 مىليارد 737 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بىردەك مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئۆتكۈزگۈچ سىمنى قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريولدا تارتىشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى − تىكەنلىك − چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ بىلەن چىڭخەينىڭ چوڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە تېز ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا بۇ يىل ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدىغان شىنجاڭدىكى چوڭ تۈر.
خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى... پۈتۈن مەملىكەت سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەر شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى تولۇق ئىزاھلاپ بەردى.
قۇۋۋەت ئالمىشىپ ھاياتىي كۈچ ئاشتى
10- ئاينىڭ 9- كۈنى قومۇل دۆلەت مەبلىغىدىكى ھېسابلاش كۈچى مەيدانىدا تۇنجى 1000P تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇ كۈنى، تۇنجى قاراردا قۇرۇلغان 1000P تۈرى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شاڭخەينى سانائەت ماشىنا ئادىمى مودېلى ھەققىدىكى ئەقلىي يەكۈن بىلەن تەمىنلەپ، سانائەت كارخانىلىرىنى ماس كېلىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى قوللىنىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى تىپىك مىساللارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئالماشتۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %29، %22.3، %25.6، %33.2 ئاشقان.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر تېز ئاشتى. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شامال كۈچى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %18.3، %74.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا، 1- ئورۇندا تۇردى.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سىجىل تېزلىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت توپلىدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى %46.4تىن %52.5كە ئۆرلىدى، سانائەت تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى.
خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: «تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، سانائەت ئىقتىسادى <يېڭى>غا يۈزلىنىپ سۈپەتنى ئۆستۈردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى».
بىر تەرەپتىن يېڭى قۇۋۋەت ئۈزلۈكسىز توپلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەر تىرىشىپ تاماملىنىدۇ
«ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سىياسەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلاندى.» خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنىڭ ماس كۈچىشىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز.
يېقىنقى مەزگىلدە، مەركەز ھەم دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەت پۇرسىتىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويدى، ئاپتونوم رايون يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى سىستېمىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسەتنىڭ ئىللىقلىقىنى تېز سۈرئەتتە بازارغا يەتكۈزۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، 4- پەسىلگە جاسارەت بىلەن ئاتلاندى.
9- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭدا بۇ يىل ئىش باشلىنىدىغان تۇنجى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ تۈر − «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- يولى توك مەنبەسى تۈرىدە چاقىلىق ناھىيەسىدە ئىش باشلاندى؛ 10- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭدا بۇ يىل ئىش باشلىنىدىغان 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 2- چوڭ تۈر − دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى... شىنجاڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆي كۆلىمى ۋە سېتىش يەككە باھاسىغا قويغان چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى دەپ ئايرىلمايدىغان بولدى، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن نىسبىتى ئۆي پۇلى ئومۇمىي باھاسىنىڭ %15ىدىن تۆۋەن بولماسلىق دەپ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى... 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي- مۈلۈككە پايدىلىق سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرىدىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۆي- مۈلۈك بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي يىغىن كۆرگەزمە يولى چۇنخۇي كوچىسىدىكى مەلۇم بىنا، ئۆي سېتىش ئورنىدا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى قۇم مودېل ئالدىدا تۈر تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىسا، بەزىلىرى سودىلىشىش رايونىدا كېلىشىم ئىمزالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. جۇڭتيەن مېيخاۋ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي مەسلىھەتچىسى ياڭ خۇي مۇنداق دېدى: «ئۆي- مۈلۈككە ئائىت بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆي كۆرىدىغان خېرىدارلارنىڭ سانى ئالدىنقى نەچچە ئايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئىككى ھەسسە قاتلاندى، پۈتۈشۈش سانى %30 ئاشتى».
9- ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ «ئىككىنى يېڭىلاش» مەبلىغىدىن 5 مىليارد 174 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە جەمئىي 2 مىليارد 750 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.
«<1- ئۆكتەبىر> مەزگىلىدە، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۇكىنىمىزدا ئىككى خىل تىپتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزوردىن 40 نەچچىسى سېتىلىپ، مال تۈگىدى، نۆۋەتتە يەنە مال تولۇقلاۋاتىمىز.» ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخۇڭ يولىدىكى بىر ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىدا، شىنجاڭ شىجى جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخۇڭ يولى شۆبە شىركىتىدىكى مال سېتىۋېلىش يېتەكچىسى جاڭ خەيدى مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
ئىشەنچ تولۇپ تاشتى، ئىستېمال جانلاندى، ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى. «كۆمۈر، يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت- تەبىئىي گازنى تىرەك قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، كېيىنكى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، كۈچنى توپلاپ تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن يىللىق تىجارەت نىشان- ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملايمىز» دېدى شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جيەنجۈن.