شىن شىجيەن
شىنجاڭ ئىقتىسادى 2024- يىلى ئادەتتىن تاشقىرى بىر سەھىپە يارىتىشى مۇمكىن! بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى: تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 322 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى...
بۇ، 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسللىك يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سىرتقا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاددىي ھالدىكى ساندىكى ئېشىش بولماستىن، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. ھەربىر پىرسەنت پوئېنتلىق يۇقىرى ئۆرلەش ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ماس كۈچ چىقارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭدا ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەدبىرىنىڭ مۇرەككەپ مۇھىتتىكى مۇقىملىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكى نامايان قىلىنغان.
ۋەزىيەتنى چوڭايتىپ قارىغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇ يەنە پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ چوڭ سەھنىسىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن نامايان قىلىۋاتقانلىقىدىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوڭ شاھمات تاختىسىدا شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سېلىنما ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قۇۋۋەت، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %6.2لىك ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مېھىرلىك تۇپراق ئۈنۈمىنىڭ كۈچلۈك نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەيلى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشى بولسۇن ياكى كەسىپ تۈرلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بولسۇن، ھەممىسى بۇ سانلىق مەلۇماتتا نامايان بولدى. بۇ سېلىنمىلار شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، يېڭى يول، كۆۋرۈك، زاۋۇت، باغچە رايونى قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ.
ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئورنى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ مىسلىسىز ئېچىۋېتىش ھالىتىدە دۇنياغا قۇچاق ئاچماقتا، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى شىنجاڭنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئېشىش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ يەرشارىنىڭ ئىقتىسادىي خەرىتىسىدىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە پۇرسىتىنى بىۋاسىتە تونۇتتى.
شىنجاڭ سانائىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 4- ئورۇندا، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى نامايان قىلدى؛ شامال كۈچى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %18.3 ۋە %74.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا، 1- ئورۇندا تۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىيات ساھەسىدىكى قالتىس مۇۋەپپەقىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ئورنىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.
2024- يىللىق «ئۈچ پەسىللىك دوكلات»تىكى كۆپلىگەن «ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن» كىشىنى خۇشال قىلىدىغان كۆرسەتكۈچلەر تېخىمۇ كۆپ نەزەرنى پۇرسەتكە تولغان بۇ مېھىرلىك تۇپراققا مەركەزلەشتۈرۈشكە جەلپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولىدا بىر مەقسەتتە ئويلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، 4- پەسىل ئۈچۈن كۈچلۈك كۈچەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى توپلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا داۋاملىق پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.