جاڭ جۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى
10:50:34 2024-10-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياشلىق باھارى ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۆركەشلىگەن باھار دولقۇنىنى مەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى- ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى.

 جاڭ جۇ دەرس سۆزلەش جەريانىدا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىز قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىلىرىدىن، كۈچلۈك تەشۋىقاتچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولايلى»نى باش تېما قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىكى گاڭگىراشنى ھەل قىلىش، تارىخىي قايمۇقۇشتىن چىقىش، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنى ئېچىپ تاشلاش قاتارلىق نۇقتىلارنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 جاڭ جۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

 جاڭ جۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخقا نەزەر سالساق، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۆلەت فورماتسىيەسى ھالىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ شانلىق نۇر چېچىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش يۈكسەكلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، ئۇيۇشۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىگەن. تارىخنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى. شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

 جاڭ جۇ كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭخۇا مىللىتى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن- ئاخىر غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلىق باھارىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە ئىجادكارلىقى ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۆركەشلىگەن باھار دولقۇنىنى مەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك.

 دەرس سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ جۇ يەنە سىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانىلارغا كىرىپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» بويىچە قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەم ساۋاقداشلارغا كىتاب سوۋغا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125