ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
10:53:05 2024-10-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قەشقەر ۋىلايىتىدە خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى (جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى يىغىنى) ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «شاھمات كۆزى» بولۇشتەك ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش تەلەپ قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا كۈچ قوشۇش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن تەجرىبە توپلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىنلىشىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا كۈچ قوشۇش، بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىستېما قارىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق كۈچىنى جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك ئارقىلىق يېتەكلەشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت ئورگان» ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ساپاسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەر ئائىلىسى پونكىتى ۋە ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى قاتارلىق ئالتە ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى ۋە تۇمشۇق شەھىرىنىڭ شىنئەن بازىرى قاتارلىق نۇقتىلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125