بەدەندە كۆرۈلىدىغان كىچىك ئالامەتلەرنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
13:20:48 2024-10-30 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 كالپۇك قۇرۇپ يېرىلىش، جاۋغاي ياللۇغى. نۇرغۇن كىشىدە ئادەتتە كالپۇك يېرىلىش، قىزىرىش، قاپارتما چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئالامەتلەر ھاۋانىڭ قۇرغاق بولۇشى، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىكى كېسەللىك باكتېرىيەسى يۇقۇمى ياكى B تۈردىكى ۋىتامىن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئەگەر كالپۇك ياللۇغلانغان بولسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك، ئەگەر بەدەندە B تۈردىكى ۋىتامىن كەمچىل بولسا، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق تولۇقلاشقا بولىدۇ. كالا سۈتى، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق، پۇرچاق، تۇخۇم، گۆش، شاكاللىق مېۋە، يېڭى يېشىل كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىن بىرقەدەر مول.

 تاماق تېتىماسلىق، تەم سەزگۈسى ئاجىزلاش. ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، نېمىلا يېسە تەمسىز بىلىنسە، بۇ، روھىي ھالەت ناچارلىشىش، بەدەن ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بەدەندە سىنك كەمچىل بولۇشى مۇمكىن. سىنك كەمچىل بولسا، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، جاراھەت ئېغىزى ئاسان تۇتمايدۇ. ئوستېر قۇلۇلىسى قاتارلىق قۇلۇلە تۈرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، رەڭگى قىزىل گۆشلەر، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەنگە كېرەكلىك سىنكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

 باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئاسانلا ئاچچىقلىنىش. بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا، دەسلەپكى مەزگىلدە ئاسانلا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىرلاشقاندا، تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان قان ئازلىق كېسىلىگە ئايلىنىپ، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە مىجەزىنىڭ چۇسلىشىپ كېتىشى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكى ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، تۆمۈر كەمچىل بولۇش مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. قىزىل رەڭلىك گۆش، ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە مول تۆمۈر ماددىسى بار بولۇپ، بۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ۋىتامىن Cنى تولۇقلاپ تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

 پۈتۈن بەدەن ئاغرىش. بوغۇم، مۇسكۇل، بەل، تىز ئاغرىسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بار بولسا، بەدەندە كالتسىي كەمچىل بولۇپلا قالماي، ۋىتامىن D كەمچىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ، ۋىتامىن Dنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىش تەكلىپى بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125