گەپ- سۆز تارقالغىنىغا ئۇزاق بولغان جىڭدۇڭغا جىفۇباۋنىڭ ئۇلىنىشى توغرىسىدا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىر جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدە جىفۇباۋ ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئېچىلغانلىقىنى، بىر قىسىم ئابۇنىچىلارنىڭ پۇل تۆلەشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭغا قارىتا، جىفۇباۋ تەرەپ مۇخبىرغا بۇ ئىشنى جەزملەشتۈرۈپ ئۇچۇر بەردى ھەم جىفۇباۋنىڭ ئېچىۋېتىشنى سىجىل زورايتىپ، ئوخشاش بولمىغان سۇپىلار بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ، جىفۇباۋ، جىڭدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى شىركەتنىڭ ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى، ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ «توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىشى» توغرىسىدىكى بەزى ئىزلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7- ئايدا، جىفۇباۋ بىلەن «جىڭدۇڭدىن دورا سېتىۋېلىش» بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئارقىلىق ئارقىلىق توردا دورا سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرغان، بۇنىڭ ئالدىدا، جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزۈشى، ئۆيگىچە يەتكۈزۈش، جىڭزاۋ قاتارلىق كەسىپلەرنىڭمۇ باشقۇرغۇچى كىچىك پىروگراممىسى ئېچىلىپ، جىفۇباۋدا تىجارەتنى قانات يايدۇرغان.
ساھە زاتلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالاقە تورى چوڭ زاۋۇتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «تامنى چېقىش»، ئېچىۋېتىش جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى زورايتىش ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندى. 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا، تاۋباۋ باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيشىندا پۇل تۆلەشنى قوللايدىغان بولغانلىقىنى ئېيتتى. يادرولۇق چىقىم قىلىشتىن باشقا، ئەشيا ئوبوروتى قاتلىمىدىمۇ بۇ يىل زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى تاۋباۋ، تيەنماۋ سۇپىسىغا ئومۇميۈزلۈك ئۇلانغانلىقىنى ھەم سەينياۋ تېز يەتكۈزۈشى ۋە سەينياۋ بېكىتىگە ئۇلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (مۇخبىر يۈەن لۇ)
پايدىلانغان مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)