ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىر شاڭ پېڭ) 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئارقا- ئارقىدىن قېلىن «قىشلىق كىيىم» ئالماشتۇردى.
مۇھاپىزەت رايونىدا شىزاڭ قۇلىنى ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، ئۇلار توپ- توپ بولۇپ سۇلۇق يەر ياكى قاقاس ساھىللاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. شىزاڭ قۇلىنىنىڭ يۇڭىنىڭ رەڭگى ياز پەسلىدە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭنى ئاساس قىلىدۇ، كۈز ۋە قىش پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ئىسسىق ساقلايدىغان، سوغۇققا قارشى تۇرىدىغان «قېلىن پوپايكا»غا ئالمىشىدۇ، يۇڭىنىڭ رەڭگىمۇ سۇسلىشىدۇ.
شىزاڭ بۆكىنى ئېگىزلىكتىكى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئۇز ھايۋان. بۇ پەسىلدە، ئۇلار كىيىۋالغان «قىشلىق كىيىم» ئىنچىكە، قېلىن، ئۇزۇن بولۇپ، ئەركەك شىزاڭ بۆكىنىنىڭ چىرايى ۋە پۇت- قوللىرىنىڭ ئالدى قىسمى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ، قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇلار كىچىك توپ بولۇپ سۇلۇق يەر ياكى ئوتلاق ئەتراپىدا ياشايدۇ، ئانا شىزاڭ بۆكىنى بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ياشايدۇ، ئەركەك شىزاڭ بۆكىنى بولسا توپلىشىپ ياشايدۇ، تاكى «مۇھەببەتلىشىش پەسلى»گە كىرگەندىلا، ئاندىن توپلىشىپ ياشايدۇ.
مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر يىلى كۈز ۋە قىش پەسلىدە، مۇھاپىزەت رايونىدىكى «قىشلىق كىيىم» ئالماشتۇرغان ياۋايى ھايۋاناتلاردا ئوخشاش بولمىغان ھالەت كۆرۈلىدىكەن، شىزاڭ بۆكىنى، شىزاڭ قۇلىنى، شىزاڭ يەرلىك بۆكىنى قاتارلىقلار تېخىمۇ ياخشى ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يەنە دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر تۆۋەن، يېمەكلىك بىرقەدەر مول بولغان جايلارغا كېلىپ يەم ئىزدەپ ماكانلىشىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)