ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى «تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەمەلىيلەشتى
13:10:52 2024-10-30 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا تاموژنىنىڭ «تۈركۈم (قېتىم) بويىچە كارانتىن قىلىش» نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەندىزىسى تەتبىقلانغان 5000 توننىدىن ئارتۇق خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسىنىڭ تەۋەلىكنى تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ئېكسپورت قىلىندى، بۇ ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى «ئوخشاش تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 2023- يىلى 10- ئايدىن بۇيان، قىسمەن بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنىلار ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە خەتەرلىك ماللار ئورالمىسىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش خىزمىتىدە «ئوخشاش تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ئاساسىدا، بۇ يىل 7- ئايدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاموژنا دائىرىسىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى «ئوخشاش تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى.

 «ئوخشاش تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» ئەندىزىسىدە كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى، سۈپەتنى كونترول قىلىش، مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى، ئىناۋەت ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى تەكشۈرۈش پىرىنسىپى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا، كارخانىلارنىڭ ماللىرى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە داۋاملىق مەلۇم قىلىنغان ئوخشاش تۈركۈمدىكى خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە خەتەرلىك ماللار ئورالمىسىنى تەكشۈرۈشتە تاموژنا ئوخشاش بىر زاۋۇتتا، ئوخشاش ھۈنەر- سەنئەت ۋە ئوخشاش تەركىب بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بار- يوقلۇقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، پەقەت تالوننى تەكشۈرۈپلا بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ، نەق مەيداندا قايتا تەكشۈرمەيدۇ.

 «ئوخشاش تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەندىزىسى نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار كارخانىلارغا سىياسەتنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان ئېكسپورت يۆنىلىشى، ئوخشىمىغان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتىگە قارىتا، كارخانىلار ئۈچۈن «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر»، «بىر مەھسۇلاتقا بىر تەدبىر» تۈزۈپ چىقتى.

 نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى «ئوخشاش تۈركۈم (قېتىم) بويىچە تەكشۈرۈش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە ئۇلارنىڭ ئورالمىسىنى تەۋەلىك بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن ئۈچنى تاماملىدى، دەسلەپكى ھېسابلاشتا، ماللارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش بويىچە ئۈنۈملۈك ۋاقىتنىڭ %70تىن كۆپرەك قىسقارتىلىپ، كارخانىلار ئۈچۈن تىجارەت، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتتىكى جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسال تەننەرخ تېجەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125