شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر تۇنجى قېتىم ئافرىقىغا ئېكسپورت قىلىندى
15:52:08 2024-10-30 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئېغىرلىقى 58.36 توننا كېلىدىغان ئون ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىسى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 10- ئاينىڭ 26-، 27- كۈنلىرى پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئافرىقىدىكى ئالجىرىيەگە يولغا سېلىندى. بۇ شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقىغا ئېكسپورت قىلىنىشى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ماشىنا- ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى، بۇ قېتىم ئېكسپورت قىلىنغان سوۋۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىسى ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىسىنى خاڭجوۋدىكى بىر كارخانا ئىشلەپچىقارغان، ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئايروپىلان بىلەن ئالجىرىيەگە يولغا سېلىنغان.

 تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان شىنجاڭ ياۋكۇن ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دېڭ خۇەيخەي مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئېكسپورت قىلىنغان ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەجىمى چوڭ بولۇپ، ھاۋا تىرانسپورتىدا ئېغىرلىقى، ئېگىزلىكى، كەڭلىكى تىرانسپورت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۈسكۈنە ھېسابلىنىدۇ، ساقلاش، ئېسىپ قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلات جەريانىدا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. ھېلىمۇ ياخشى ئايروپورت تاموژنىسى ساقلاش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى».

 «جۇڭگودا ياسالغان» چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى ئافرىقىنىڭ تېخنىكا كىرگۈزۈش ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، كارخانىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئافرىقىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تاموژنا باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلەتتى، چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنە زاپچاسلىرى تۈرىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە قارىتا، كارخانىلارغا تاۋارلارنى تۈرگە ئايرىش ۋە تېخنىكا سودىسى تەدبىرى بويىچە «بىرگە بىر» يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىرلىقى، ئېگىزلىكى، كەڭلىكى تىرانسپورت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا، ۋاكالىتەن يۈك توشۇش كارخانىسى ۋە ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ توشۇش، ئېسىپ قاچىلاش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، تالوننى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن يۆتكەپ توشۇپ قاتارلىق «بىر پونكىت شەكلى»دىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125