جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جيا شياۋلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۆلچەرىمىزچە، 11- ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
كونكرېت ئېيتقاندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئوتتۇرا جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شىزاڭ، چىڭخەينىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. ئاساسلىق يامغۇر كۆپ ياغىدىغان رايونلار ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، شاڭخەي، جېجياڭنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە خەينەن قاتارلىق جايلار .
«كۈز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈز پەسلىدە قۇرغاق، شامال كۆپ چىقىدۇ، شەرقىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئوتتۇرا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، يۈننەننىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاز بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىش ياكى تەرەققىي قىلىش خەۋپى مەۋجۇت، ئورمان، ئوتلاق ئوت خەۋپى دەرىجىسى يۇقىرى». جيا شياۋلۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار جايلار ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم شەھەر- بازارلاردا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
جيا شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆل- يېغىن مىقدارى كۆپ جايلار تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر ئاپىتىنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ساغلاملىق قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئالاقىدار رايونلار تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قاتارلىقلارنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار، تېنى ئاجىز كىشىلەر توپى شامالدىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)