مىقدار ۋە سۈپەتكە تەڭ كاپالەتلىك قىلىندى
16:31:50 2024-10-30 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئايلىنىشىغا ئۈچ جەھەتتىن نەزەر

 شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېلان قىلىندى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 454 مىليارد 767 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى.

 ئىقتىسادىي بازىسقا نەزەر

 − «ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش»نىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى

 تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىغا نەزەر سالساق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، سانائەت سىجىل تېز ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئايلىنىشى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، 1-، 2 -، 3- كەسىپلەر تەڭ كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇھىم بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭدا 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بولغاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە- كۆكتات ھوسۇلى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، نەشپۈت، ئالما، ئۈزۈمنىڭ ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %17.4، %8.0، %5.1 ئاشتى.

 سانائەت ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تايانچ تىرىكى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭدا 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئېنېرگىيە كەسپى سانائەتنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى، كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ ئىلغاش كەسپى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %16.2، %11.5 ۋە %0.4 ئاشتى.

 ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپى (3- كەسىپ)نىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. بولۇپمۇ قاتناش- تىرانسپورتىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارى 823 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشتى؛ يولۇچى توشۇش مىقدارى 223 مىليون قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.6 ئاشتى.

 ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتتىن ئىبارەت «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئىقتىسادقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»دىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. سانائەت سېلىنمىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئاشقان.

 ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. تۇرمۇش تۈرىدىكى ئىستېمال مۇقىم ئۆرلىدى، نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرى، جۇڭيى تېبابىتى ۋە غەرب تېبابىتى دورىلىرى تۈرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 0.4 ، 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى تېز ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 322 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە نەزەر

 − پايدىلىق ئامىللار جۇغلىنىپ كۆپەيدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى «يېڭى»لىققا قاراپ يۈزلەندى

 «مۇقىملىق» ئاساس ۋە ئاساسىي مېلودىيە بولسا، «ئىلگىرىلەش» يۆنىلىش ۋە نىشاندۇر.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى «ئىلگىرىلەش» ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى سىجىل كۈچەيتتى.

 يېڭىلىققا قاراپ ئىلگىرىلەش − شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.0 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %29.0، %22.3، %25.6 ۋە %33.2 ئاشتى.

 يېشىللىققا قاراپ ئىلگىرىلەش − شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېشىشنى تېزلەتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. شامال كۈچى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3، %74.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2- ۋە 1- ئورۇندا تۇرغان.

 ئىسلاھاتقا قاراپ ئىلگىرىلەش − پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 11.0 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ چوڭ- چوڭ سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ماسلاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سانائەتتە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى.

 ئاتاكىغا ئۆتۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە نەزەر

 − ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى تەڭ ئېشىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈزلۈكسىز جۇغلاندى

 سېلىنما تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى، شۇنداقلا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈرتكۈچىسى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 سېلىنما تۈرلىرىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەر ۋە چوڭ تۈرلەر كۈچلۈك تىرەك بولغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يېڭىدىن پىلانغا كىرگۈزۈلگەن تۈر 1542 بولۇپ، تۈرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمى %56.7 ئاشقان، يېڭىدىن پىلانغا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىل ۋە 1- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 3.1 ۋە 36.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. پىلانلانغان ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %46.4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 8.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

 مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىن قارىغاندا، سانائەت سېلىنمىسى ئېشىشقا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى سىجىل تېزلەتكەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %46.4تىن %52.5كە ئۆرلەپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

 مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتىدىن قارىغاندا، خەلق ئىچى سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 17.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

 بۇ يىلدىن بۇيان، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 277 مىليارد 993 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشتى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا كۆرۈلگەن پائال ئۆزگىرىشلەر 4- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125