ئولتۇراق رايوننى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە «يېڭى تەدبىر» بار بولدى
15:57:52 2024-10-30 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 مەھەللە بىلەن ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قانداق قىلغاندا ھەمكارلىشىپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ؟ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى نېفىت خىمىيە كوچا باشقارمىسى جياشياڭ مەھەللىسى «مۇھىت ۋە ئۆي- جاي باشقۇرۇش كومىتېتى» قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھەللىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش جەھەتتە يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ باردى.

 نېفىت خىمىيە كوچا باشقارمىسىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، مۇھاكىمە يىغىنى جياشياڭ مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەھەللە كادىرلىرى، ئۆي- جاي باشقۇرۇش خادىملىرى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، سىندا كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇھىت ۋە ئۆي- جاي باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى مەھەللە، ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئۆي- جاي باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ئۆزىگە خاس ھالدا ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

 جياشياڭ مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى يۈ يۆچىن مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، شەھەر قىياپىتىنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈردى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، بارلىق خادىملار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى».

 تىرىشىش ئارقىلىق ئەخلەتنى ۋاقتىدا تازىلاش- توشۇش نىسبىتى ئەسلىدىكى %70تىن %95كە، كارىدور ۋە ئاممىۋى رايونلارنىڭ پاكىزلىقىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش نىسبىتى %65تىن %90كە يەتتى، 300دىن ئارتۇق جايدىكى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەر تازىلاندى، يېڭىدىن توققۇز يۈرۈش ئىستىراھەت ئەسلىھەسى كۆپەيتىلدى، ئاھالىلەرنىڭ مەھەللىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

 شىلۇ كوچا باشقارمىسى شىيىڭ مەھەللىسى قارىمىقىدىكى مۇھىت ۋە ئۆي- جاي باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى، ئاھالىلەر كومىتېتى، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى، مۈلۈك ئىگىلىرىدىن ئىبارەت «بەش تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى كارخانىسىنى مەھەللىدىكى ئامما غەم قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان «ياخشى ياردەمچى»گە، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ «ياخشى باشقۇرغۇچىسى»غا ئايلاندۇردى.

 مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لى مۇنداق دېدى: ئۆي- جاي مۇلازىمىتى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر»، مىدۇڭ رايونى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەر ۋە پىكىر- تەكلىپلەرنى داۋاملىق ئەستايىدىل رەتلەپ، قوبۇل قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن رايوندىكى مۇھىت ۋە ئۆي- جاي باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125