خۇنەن ئۆلكىسىدىكى كەسپىي ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تۇرپانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 20نى قوبۇل قىلىدۇ
17:54:45 2024-10-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2024- يىلى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر (ئوبلاستلار)دىكى كەسپىي ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭ تۇرپانلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلاردىن مەخسۇس تۈر بويىچە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى 20، تەكلىپ قىلىش پىلانى 20 نەپەر بولۇپ، شىنجاڭ تۇرپان نوپۇسىدا بولغان، ھەم تەكلىپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار (2022- ، 2023-، 2024- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھەم تەكلىپ قىلىش جەريانىدا ئىشتات ئىچىدە خىزمەت قىلىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار) تىزىملاتسا بولىدۇ. خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنىغا ياش جەھەتتە 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇش شەرتى قويۇلدى، يەنى 1988- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن (شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېيىن تۇغۇلغانلاردىن تەكلىپ قىلىدۇ.

 تىزىملىتىش ۋاقتى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى 9:30دىن 11- ئاينىڭ 8- كۈنى 18:30غىچە بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتماقچى بولغانلار «تۇرپان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى» (http://www.tlfjy.net)غا چىقىپ، «تۇرپان شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى»غا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى (چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 12:00گىچە) ئېلىنىدۇ. تولۇق تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىپ كۆرۈڭ.

خۇنەن ئۆلكىسىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تۇرپانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 20نى قوبۇل قىلىش كونكرېت شەرتلىرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125