10- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2-، 3- ئۇچۇش يولىدا ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش رەسمىي باشلاندى.
مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 28- كۈنى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش كېيىنكى پۈتكۈزۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشكە ياخشى ئاساس سالىدىكەن، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بارغانسېرى يېقىنلاشقان.
شىنجاڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاخىرقى ئۇچ باشقۇرۇش مەركىزى مۇنار سۇپىسىنى باشقۇرۇش 2- ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلغان 2-، 3- ئۇچۇش يولىدا خەۋەرلىشىش، يول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىقلاردا ساھە بويىچە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلگەن، بۇ ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش 2 -، 3- ئۇچۇش يولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشىنىڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇ قېتىمقى ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش 11- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 12- ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ.
شىنجاڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاخىرقى ئۇچ مەركىزىنىڭ يېقىن ئارىلىقتا باشقۇرۇش 1- ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ بو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى شىنجاڭنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھاۋا بوشلۇقى بايلىقىنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، قولايلىق سەپەر قىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئۇچۇش رايونىدا يېڭىدىن 2-، 3- ئۇچۇش يولىنى ياساش، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجىسىنى 4F قىلىپ بېكىتىش، يېڭىدىن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىمالىي ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى، بېكەت سۇپىسى قۇرۇش ھەمدە يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
4F دەرىجىلىك ئايروپورت ئايروپورت ئۇچۇش رايونى دەرىجىسى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى بىر دەرىجە. 4F دەرىجىلىك ئايروپورت ئايروبۇس A380، بوئېن 747 قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشىنى قوللايدۇ. مەسىلەن: بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى، چېڭدۇ تيەنفۇ خەلقئارا ئايروپورتى، شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 4F دەرىجىلىك ئايروپورتلاردۇر.
ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 48 مىليون ئادەم (قېتىم)، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 550 مىڭ توننا بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىگە پۇختا ئۇل ئەسلىھە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش» ھاۋا كۆۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى كەي خەۋىرى)