جاۋ ياۋرۇ
2022- يىلىدىكى قىش ناھايىتى ئۇزۇن ھەم سوغۇق ئىدى. كوچىدا ئاندا- ساندا ماسكا تاقىۋالغان بىر نەچچە يولۇچىدىن باشقا ھېچقانچە ئادەم يوقتەك ئىدى، ھەتتا ئىلگىرىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ نېمىشقىدۇر ئازلاپ كەتكەنىدى.
باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەن ئالدىراپ- تېنەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. يۇقۇم يۈز بەرگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۆيدە ئاتا- ئانامغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىم ھەقىقەتەن بەك ئاز بولدى، ھەممەيلەن بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ چىڭ تۇردۇق، ھازىر ئاخىرى «خاتىرجەم بولۇش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئوبدان مۇڭدىشالايدىغان بولدۇق.
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ، خۇددى ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن گەپ- سۆزنى توپلاپ قويغاندەك، پەقەت مۇشۇ باھار بايرىمىدىلا ئاندىن ياخشى پاراڭلىشالايدىغاندەك كۈلكە- چاقچاق قىلىشىپ خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاپامنىڭ ئېسىگە ئىشكاپتا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پېچىنە- پىرەنىكلەرنىڭ بارلىقى كېلىپ، ئالماقچى بولدى. لېكىن پېچىنە- پىرەنىكلەرنى قويىدىغان جاي بىر قەدەر ئېگىز بولغاچقا، مەن ئېلىشىپ بەرمەكچى بولدۇم، بىراق كىم ئويلىسۇن، قولۇمنى ئەمدىلا سۇنۇشۇمغا ئانامنىڭ ئىشكاپنى ئېچىشى ئۇدۇل كېلىپ، قولۇمنى ئىشكاپنىڭ ئىشىكى قىسىۋالدى.
«ۋاي» دەۋەتتىم، ئاپامنىڭ قولىدىكى پېچىنە- پىرەنىكلەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە قولۇم ھېچنېمە بولمىغانىدى، لېكىن ئاپام بەك جىددىيلىشىپ كەتتى، قولۇمنى تۇتۇپ، ئۆرۈپ- چۆرۈپ قاراپ كەتتى، يەنە پۈۋلەپ قويدى، مەن كىچىك ۋاقتىمدىمۇ ھەر قېتىم يارىلانغان چېغىمدا، ئاپام دائىم مۇشۇنداق پۈۋلەپ قويۇپ، «پۈۋلەپ قويسا ئاغرىمايدۇ» دەيتتى.
ئانام بارمىقىمنى پۈۋلىگەن ئاشۇ دەقىقىدە، مەن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم. ئانامنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ھەم كۈلگۈم كەلدى، ھەم ئىچىم ئاچچىق بولدى. مەن چوڭ بولدۇم، لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىدە مەن مەڭگۈ بىر بالا ئىدىم.
كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئاتا- ئانامغا قارىسام، ئۇلارنىڭ كۆز قۇيرۇقىدىكى قورۇقلار يەنە كۆپىيىپ قاپتۇ، ئاقارغان چاچلىرىنى خۇددى بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتقاندەك قارىغا بويىۋاپتۇ، ھەمىشە ئاتا- ئانامنى تېخى ياش، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا دەپ قارايتتىم، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن قېرىپ كېتىۋاتاتتى. كۆز چاناقلىرىم نەملەشتى، ئۆرۈلۈپ يېشىمنى سۈرتتۈم، نەق شۇ چاغدا بۇنى بىر تەرەپتە تۇرغان دادام كۆرۈپ قېلىپ، ئانامنى ئەيىبلىگەن ھالدا: «سىزمۇ قاراپراق ئىش قىلمىدىڭىز، قاراڭ قىزىمنىڭ ئاغرىپ كەتكىنىنى، مەن ئىشكاپنى چۇۋۇۋېتىپ، پاكارراق قىلىپ ياساپ بېرەي»، دېدى.
ئەسلىدە كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ تۇراتتىم، بىردىنلا كۈلۈپ كەتتىم: «دادا، مەن ئاغرىغانلىقى ئۈچۈن يىغلىمىدىم، راستىنلا ئاغرىمىدى». شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا- ئانامنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىگەن ھالىتى يەنىلا قەلبىمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئاتا- ئانىمىز ھەقىقەتەن ياشىنىپ قالدى، بەزى ئىشلارنى قىلغاندا بۇرۇنقىدەك چەبدەس بولالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتى ھەر بىر دەقىقىگە سىڭىپ كەتكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، بيەن جىلىن ئىلگىرى: «سىز كۆۋرۈكتە تۇرۇپ مەنزىرە كۆرىسىز، مەنزىرە كۆرىدىغان ئادەم ئۈستۈنكى قەۋەتتە سىزنى كۆرىدۇ»، دېگەنىدى. شۇنداق، بىز دائىم باشقىلارنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرىمىز، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بىز پەقەت ئاتا- ئانىمىزنىڭ كۈلكىسىنى كۆردۇق، لېكىن ئارقىسىدىكى جاپاسىنى كۆرمىدۇق. چوڭ بولغاندىن كېيىن بىز ئوراپ تۇرغان گۈللەرنى كۆردۇق، لېكىن ئاتا- ئانىمىزنىڭ ئۈمىدىنى كۆرمىدۇق. ئەڭ گۈزەل مەنزىرە يىراقتا ئەمەس، يولدا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئائىلىدە ئىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)