چوڭ ھويلىدىكى بەختىيارلىق
18:23:30 2024-10-30 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى توۋگۇڭ مەھەللىسى 1- تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى 64 ياشلىق ماھىنۇر جۈمە (سولدا) بىلەن خۇ جيەنپىڭ 10- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھەللە مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئۇسسۇل مەشىق قىلماقتا.

10- ئاينىڭ 28- كۈنى سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى توۋگۇڭ مەھەللىسى 1- تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئادىل ئوسمان (ئوڭدا) بىلەن سۇن يەنتى ئولتۇراق رايوندا بىللە سەيلە قىلماقتا، ئولتۇراق رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرگەزمە تاختىسىدا بۇ ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەننىڭ سۈرىتى ۋە ھېكايىسى بار.

 «لاۋخۇ قاراڭ، بۇ ئىككىمىز بىللە چۈشكەن سۈرەتكەن، مەھەللىنىڭ مەدەنىيەت تېمىدا كۆرگەزمە قىلىنىپتۇ». 10- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى سايباغ رايونى 1- تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى 64 ياشلىق ماھىنۇر جۈمە پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى توۋگۇڭ مەھەللىسىدە مەھەللە مەدەنىيەت تېمىنىڭ «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش» مەخسۇس ئىستونىغا ياخشى سىڭلىسى خۇ جيەنپىڭ بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتنىڭ چاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال سۈرەتكە تارتىۋېلىپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىپ بەردى.

 «بۇ سۈرەتنى ئىككىمىز بىللە بازار ئايلىنىۋاتقاندا تارتقانلىقىمىز ئېسىمدە، شۇ چاغدا مەن سىزگە ھالقا تاللىشىپ بېرىۋاتقانىدىم، ئۇ ھالقىنى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىز بىللە ئۇسسۇل ئوينىغاندا تاقىغىنىڭىزنى كۆردۈم، سىزگە بەك يارىشىپتۇ»، دېدى خۇ جيەنپىڭ.

 ماھىنۇر جۈمە بىلەن خۇ جيەنپىڭ قۇرداشلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئىلگىرى بىر چوڭ ھويلىدا تۇرغان. ھويلىدا پەقەت بىر نەچچە بىر قەۋەتلىك ئۆيلا بار بولۇپ، ماھىنۇر جۈمەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يولغا يېقىن ئۆيدە ئولتۇراتتى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىككىيلەن دائىم بىللە مەكتەپكە بېرىپ- كېلەتتى. ماھىنۇر جۈمە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مەكتەپتە ئوقۇدى، خۇ جيەنپىڭ سەل يىراقراق جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدى.

 «ئۇ چاغدا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ماھىنۇر بىلەن ھويلىدا بىللە ئوينايتۇق. مەكتىپىمىز بىر بولمىغان بىلەن گېپىمىز تۈگىمەيتتى، مەن ئۇنىڭغا يېڭى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتىم، ئۇ ماڭا كونا ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى»، دېدى خۇ جيەنپىڭ.

 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا خۇ جيەنپىڭنىڭ بىر قەۋەتلىك ئۆيى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزگەرتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۇ ئېرى بىلەن ۋاقتىنچە يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا كۆچۈپ كېتىپ، 1981- يىلى بىنا پۈتكەندىن كېيىن چوڭ ھويلىغا قايتىپ كەلدى.

 خۇ جيەنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئۆي كۆچكەن كۈنى ماھىنۇرنىڭ ئېرى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ ئۆي جاھازلىرىمىزنى توشۇشۇپ بەردى. سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، ماھىنۇرنىڭ ئېرىمۇ بىزنىڭ ساۋاقدىشىمىز، ھەممىمىز بىر ھويلىدا چوڭ بولغان، لېكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ توي قىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن». ماھىنۇر جۈمەنىڭ ئېرى مەمەت ئابلىزمۇ باشقىلاردىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان كىشى، قورۇدا كىمنىڭ سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالسا، لامپۇچكىسى يانمىسا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن رېمونت قىلىپ بېرىدۇ.

 «60 نەچچە يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ھەمراھ بولۇش جەريانىدا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئاللىقاچان يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدۇق. دەسلەپتە ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلغان، كېيىن بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىر ھويلىدا چوڭ بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمىزمۇ بۇ مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرغۇسى، ھازىر نەۋرەم بىلەن لاۋخۇنىڭ نەۋرىسى بىر ھويلىدا ئوينايدۇ، تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دوستلۇقى مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلدى»، دېدى ماھىنۇر جۈمە.

 1- تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا بۇنداق ياخشى ئاچا- سىڭىل، ياخشى ئاكا- ئۇكىلار ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىك بىللە تۇرغاچقا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قىزغىن چىقىشىپ ئۆتۈپ، سىرداشلاردىن بولۇپ قالدى.

 60 ياشلىق ئادىل ئوسمان بىلەن 78 ياشلىق سۇن يەنتى ئىلگىرى شىنجاڭ 1- ئاپتوموبىل تىرانسپورت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. ئىككىيلەن خىزمەت سەۋەبىدىن تونۇشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا سۇن يەنتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىدە ئاپتوموبىل تىرانسپورتىغا مەسئۇل ئىدى، ئادىل ئوسمان شىركەت قارىمىقىدىكى تۇرمۇش مۇلازىمەت شىركىتىدە سۇ، پار، توك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.

 سۇن يەنتى مۇنداق دېدى: «بىز خىزمەت ۋاقتىدا ئانچە كۆپ ئارىلاشمىغان، 2005- يىلى مەن چوڭ ھويلىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنلا، مۇناسىۋىتىمىز رەسمىي قويۇقلاشتى. ئاستى- ئۈستى قوشنىلاردىن بولغاچقا، دائىم ئۇچرىشىپ تۇراتتۇق، دەسلەپتە پەقەت سالاملىشىپلا قوياتتۇق، بىر قېتىم بىزنىڭ دەنيۈەننىڭ سۇ تۇرۇبىسىنىڭ باش كىلاپانى بۇزۇلۇپ قالغاندا، مەن دەرھال ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئادىل ئوسماندىن ياردەم سورىدىم، ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ، بىرىمىز ماتېرىيال سېتىۋېلىپ سايمان تەييارلاشقا، يەنە بىرىمىز رېمونت قىلىشقا مەسئۇل بولدۇق، كىلاپاننى رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادىل ئوسمان يەنە ماڭا ئۆيدىكى يىغىلىپ قالغان سۇنى تازىلىشىپ بەردى، شۇنىڭدىن باشلاپ بىز يېقىن قوشنىلاردىن بولۇپ قالدۇق».

 2019- يىلى 1- تىرانسپورت شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ھويلىسى» بولۇپ باھالاندى، ئارقىدىن توۋگۇڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جېڭ جياڭلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بۇ ياخشى ئاچا- سىڭىل، ياخشى ئاكا- ئۇكا، ياخشى سەپداش، ياخشى تىجارەتچىلەرنىڭ سۈرىتى ۋە ھېكايىلىرىدىن كۆرگەزمە تاختىسى ياساپ، مەھەللە ئىچىدە كۆرگەزمە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى داستانىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

 پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى مەھەللىلەر «مەملىكەت بويىچە خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى مەھەللىلەر مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، پائالىيەت ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئىتتىپاقلىق ئۇسسۇلىنى ئويناپ، ئىتتىپاقلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىق پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا رىشتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

 پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر مىللەت ئامما بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ياشايدۇ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بىر- بىرىگە رىشتە باغلاپ، بىر- بىرىگە سىڭىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيەت ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ دەۋر يېڭى ناخشىسىنى ياڭرىتىمىز».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گەي يۈ خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125