مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى، PM2.5نىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 168 نۇقتىلىق شەھەر ئىچىدە بىردەك 2- ئورۇندا تۇرغان.
مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 27- كۈنى يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۆزىتىش- ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە پۈتۈن شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى (ئۆلچەمگە يەتكەن) كۈن سانى 235 كۈن بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.0 ئاشقان؛ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن توققۇز كۈن ئازايغان. دۆلەت مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش- ئۆلچەش تارماق پونكىتى كۆزىتىپ ئۆلچىگەن ئالتە تۈرلۈك ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ بەشىدە تۆۋەنلەش، بىرىدە تەكشى ھالەتنى ساقلاش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 تۆۋەنلىگەن. مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 تۆۋەنلەپ، مۇھىت ھاۋا سۈپىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىر شەھەرنىڭ كۈچىنى توپلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش- تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر قاتلىمىدىن بۇلغىما مەنبەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولدى.
بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى PM2.5نىڭ ئاساسلىق بۇلغىما مەنبەسى بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كۆمۈر يېقىلغۇ مەنبەنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە پارچە كۆمۈر ئىشلىتىشنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىنىش بويىچە ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرىنى پائال مۇستەھكەملىدى ھەمدە 25 نۇقتىلىق سانائەت كارخانىسىنى تەشكىللەپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى چوڭقۇر تۈزەپ، بۇلغىما ئازايتىش تۈرىدىن 113نى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ يىل تۆت تۈرلۈك بۇلغىمىنىڭ 3400 توننىدىن ئارتۇق ئاز قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە نىشاننى سىجىل چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆمۈر يېقىلغۇ مەنبەسى، سانائەت مەنبەسى، كۆچمە مەنبە، چاڭ- توزان مەنبەسىدىن بۇلغىنىشنى تۈزەشكە سىجىل ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش- تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسى»نى ھەربىر تۈزەش تەدبىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)