ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق رەڭ تەڭشەش ئۇستىسى «قەلەم تەۋرىتىپ»، شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىغا رەڭدار رەسىملەرنى سىزماقتا.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىدىن ئۆتۈپ، ئالتۇن رەڭلىك ئېتىزلاردا جۇلالىق نۇرلىرىنى قالدۇردى؛ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى توغراقلىق ئالتۇن لىباس كىيگەن بولۇپ، قۇملۇقتا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېتىزلىرى تۇنجى قارنىڭ بېزىشى بىلەن سىياھ رەسىمگە ئايلاندى.
كۈزنىڭ ئاخىرىدىكى شىنجاڭ رەڭدار چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئايلاندى.
قۇياش نۇرىنىڭ سايىسى ئېتىزلارغا رەڭ بەردى
10- ئاينىڭ 23- كۈنى، قۇياش نۇرى قاتمۇقات بۇلۇتلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ئېتىزلىقلارغا چېچىلىپ، جۇلالىق رەڭلىرىنى قالدۇردى. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تۇپراق رەڭگارەڭ كىيىنىپ، خۇددى بىر پارچە قويۇق رەڭدار ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش بىپايان دالىدا يېيىلدى. خەن جۈن فوتوسى
قۇملۇققا سايە تاشلىغان توغراق
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قۇملۇق توغراق مەنزىرىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، تەبىئىي ئورماننى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئېكولوگىيە- مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. خەن جۈن فوتوسى
مورىدا ياغقان تۇنجى قار
10- ئاينىڭ 21- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دۇڭچېڭ بازىرى شېنجياگۇ كەنتىدە كەچ كۈزدىكى تۇنجى قار ياغدى، دالا خۇددى خىياللاردىكىدەك سىياھ رەسىم دۇنياسىغا ئايلاندى. قايرات قابلىز فوتوسى
ئونسۇدىكى ئىستىراھەت لاگېرى
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى پاكلىك ۋېيلەي كەنتىدىكى ئىستىراھەت لاگېرىدا كاۋاپ پىشۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى مول مەدەنىيەت ئاساسى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىك يۇغۇرۇلغان داڭلىق ماركا يارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
چىراغلار چاقنىدى، كەسىپلەر گۈللەندى
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى،- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تيەنيىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت رايونىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. بۇ شىركەت 2 مىليارد 205 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئېتىلېن گىلىكول تولۇق ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىر تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە 80 مىڭ توننا ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تاماملاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. سۈن گوچۈەن فوتوسى
100 قېتىم مەخسۇس لىنىيە قاتنىدى
10- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچتە، Y932 قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى. شۇ كۈنى سائەت 21:55تە Y932 قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقتى، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 100- قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا سالغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
تاغلىق يەر دالا مۇسابىقىسى
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار كەسكىن ئېلىشتى. شۇ كۈنى، كورلا 2024 تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى بۇ يەردە قىزغىن باشلاندى، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق جايلار ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 ماھىر ۋە كورلا شەھىرىدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ئامما مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى