بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 17 مىليون مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش پەسلىگە كىردى
19:09:23 2024-10-30 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 ئالتۇن كۈز پەسلىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى − تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 17 مىليون مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلگە كىردى.

 نۆۋەتتە، بۈگۈر ناھىيەسى تارىم توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسىدىكى 100 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىپتىدائىي توغراقلىق ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار بىلەن كۆك ئاسمان، قۇملۇق، سۇ قۇشلىرى، كۆللەر بىرلىشىپ، سۈرەتتەك گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتوگرافىيە ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى.

 «بۇ يەردىكى توغراقلار بەك گۈزەل ئىكەن، بۇ يەردە يەنە تۆگە مىنىش، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرى بار ئىكەن، ھاۋاسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن، كىشىگە بىر خىل روھىي ئازادىلىك بەخش ئېتىدىكەن»، دېدى ساياھەتچى جياڭ تىڭدې.

 «ھەر يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، بۈگۈردىكى توغراقلار سارغىيىپ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ، تارتىلغان توغراق سۈرەتلىرىمۇ ناھايىتى چىرايلىق، مۇنداقلا تارتقان سۈرەتمۇ ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە سۈرىتى بولۇپ چىقىدۇ»، دېدى فوتوگرافىيە ھەۋەسكارى شى چياڭشېڭ.

 تارىم توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسى شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق باغچىسى، شۇنداقلا پۈتكۈل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون. بۈگۈر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 «سەيلە كېمىسى تۈرى ساياھەتچىلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى تاماشا قىلىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىدى، ساياھەتچىلەر سۇ ئۈستىدە گۈزەل توغراقلىق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، تەبىئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، بىز ساياھەتچىلەرنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت تەسىراتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز»، دېدى تارىم توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى لى رېندۇڭ.

 تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تارقالغان كەڭ كەتكەن ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 17 مىليون مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بوستانلىقتىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توساق ھېسابلىنىدۇ. كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش ئارقىلىق، تارىم دەرياسى بويىدىكى كەڭ كەتكەن ئىپتىدائىي توغراقلىق تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېشىل كارىدور قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. ۋادىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم ئىشقا ئاشۇرۇلدى. (مۇخبىر ليۇ يۈشەن، ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرسۇن ئوسمان، خوۋ شيەنۋېي، چيۇ شىڭفۇ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125