خوشۇت ناھىيەسىدىكى دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى
19:09:21 2024-10-30 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 ئالتۇن كۈز پەسلىدە، خوشۇت ناھىيەسىدىكى جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش كارخانىلىرى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىۋېلىنغان جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 خوشۇت ناھىيەسى گويۈەن دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق- تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار چۈچۈكبۇيىنى يۇيۇش، ئايرىش، يالپاقلاش ۋە ئاپتاپقا سېلىش ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

 «بۇ يىل كوپىراتىپىمىز 2100 مودىن ئارتۇق چۈچۈكبۇيا تېرىدى، ھازىر كولاۋاتىمىز، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى 1.5 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ چۈچۈكبۇيا پىششىقلاشنى باشلىدۇق، پىششىقلاپ ئىشلەش 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاياغلىشىدۇ. بۇ يىل 1600 توننا ئەتراپىدا چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتىنى يالپاقلاپ، ئاساسلىقى باشقا ئۆلكىلەرگە ساتىمىز، كەلگۈسى دورا ماتېرىياللىرى تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يەنىلا يامان ئەمەس»، دېدى خوشۇت ناھىيەلىك گويۈەن دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق- تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش مەسئۇلى ياڭ جىنخۇي.

 ئىگىلىنىشىچە، چۈچۈكبۇيىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، شورغا چىداملىق، ئۆسۈش مەزگىلىدە سۇغا بولغان ئېھتىياجى ئاز بولۇپ، ھەر مو يەرگە تەخمىنەن 150 كۇب مېتىردىن 300 كۇب مېتىرغىچە سۇ كېتىدىكەن، بۇ، كېۋەزگە كېتىدىغان سۇنىڭ ئاران %30ىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاندىن سىرت، يەنە تېرىلغۇ يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالالايدىكەن.

 «بىز كۆپ يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق تېرىغان شىنجاڭ قىزىل قوۋزاقلىق چۈچۈكبۇيىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ھازىر تېرىقچىلىق، ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشى، كولاش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان بىر يۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتۇق»، دېدى خوشۇت ناھىيەسى گويۈەن دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق- تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش مەسئۇلى  ياڭ جىنخۇي.

 خوشۇت ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى تېرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل 15 مىڭ مو يەرگە جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىيالى تېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا 4300 مو، كەۋرەك 3200 مو، كەتىرا 7500 مو. جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش بۇ ناھىيەدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بېرىپلا قالماي، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە تەڭ مەنپەئەتلىنىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر جايا باتۇ، چېن خاۋرەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125