قۇملۇقتا چىلاننىڭ خۇش ھىدى تارالدى مول ھوسۇلغا مەدھىيە ئوقۇلدى
ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، چۆل- باياۋاندا چىلاننىڭ خۇش ھىدى تارالدى. 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، «قۇملۇقتا چىلاننىڭ خۇش ھىدى تارالدى مول ھوسۇلغا مەدھىيە ئوقۇلدى» باش تېمىسىدىكى 2024- يىللىق شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق- چەرچەن چىلان بايرىمى چاقىلىق ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە، «2023- يىللىق مېۋە رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركا قىممىتى توغرىسىدىكى دوكلات» ئېلان قىلىنىپ، چەرچەن ئورگانىك چىلانلىقىغا گۇۋاھنامە بېرىلدى، مۇنەۋۋەر سېتىۋېلىش، پىششىقلاش كارخانىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە چىلانچىلىق يۇلتۇزلىرى تەقدىرلەندى، چىلان سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە مېھمانلار نەق مەيداندا تونۇشتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى چىلان بايرىمى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، بىر ئاساسىي يىغىن مەيدانى + توققۇز شۆبە يىغىن مەيدانىدا كۈچ ئۇلاپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق، چەرچەن چىلىنىدىن مول ھوسۇل ئېلىش خۇشاللىقى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ مۇقەررەركى، چەرچەن، چاقىلىق چىلىنىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
(بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋخۇڭ خەۋىرى)