شىنجاڭ چىلان كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى چاقىلىق تەتقىقات بازىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
19:09:09 2024-10-30 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ چىلان كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى چاقىلىق تەتقىقات بازىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. بۇ بازا چىلان سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش ھەم باغۋەنچىلىك تاشلاندۇقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، چاقىلىق چىلىنى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ چىلان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

 چاقىلىق تەتقىقات بازىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ چىلان كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى مۇتەخەسسىسلەرنى قەرەلسىز كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چىلان كەسپى تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا خادىملىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چاقىلىق چىلىنىنىڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ؛ 10 مودىن 20 موغىچە خۇيزاۋ چىلان سورتى بايلىقى كۆچەتلىكى قۇرۇپ، پەن تەتقىقات بازىسى قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك خۇيزاۋ چىلان سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرىدۇ؛ 30 مودىن 50 موغىچە تەجرىبە ئېتىزى بەرپا قىلىپ، ماشىنا بىلەن پەرۋىش قىلىشقا ماس كېلىدىغان چىلان دەرىخى شەكلىنى يېتىشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ ياسىغان ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش مەقسىتىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 شىنجاڭ چىلان كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى تۈرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پىروفېسسور جاۋ يۈفېن ئەترىتى (نىڭبو داشۆ) باش بولۇپ تەشەببۇس قىلغان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىخەنزە داشۆ ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بىلەن ئورتاق يولغا قويغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بولۇپ، قۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدىكى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، دىققەتنى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ تېز ئۈنۈم بىلەن شىنجاڭدا چىلانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى ئايلاندۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس بايلىق كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

 (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى لياۋ جۈن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125