ئۈلگىنىڭ كۈچى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى
19:09:29 2024-10-30 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى كورلا شەھىرىگە كىردى

 ئۈلگىنىڭ كۈچى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى

 بايىنغولىن گېزىتى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇاڭ) 10- ئاينىڭ 25 -كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى كورلا شەھىرىگە كىردى. دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغان نۇتۇقى نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 نەمۇنىچى − ئەڭ ياخشى ئۈلگە، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ـــ چاقناپ تۇرىدىغان يول بەلگىسى.

 مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس پاتىگۈل ياسىن 23 يېشىدا دادىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال قۇم تىزگىنلىگۈچىسى بولغان. ئۇ «قول تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، قۇملۇقتىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولايلى» دېگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېشىل رەڭلىك يۆگىمە رەسىمىنى سىزىش توغرىسىدىكى كەچۈرمىشىنى بايان قىلدى؛ كۆرەش قۇربان ئاساسىي قاتلامدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىرىنى باشتىن- ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشەندۈردى؛ چەرچەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي ئوقۇتقۇچىسى لى گۇيجى خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنى چەرچەن مائارىپىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتىگە ۋاكالىتەن، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى؛ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس ۋاڭ شىنزۇ ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «بايىنغولىن ئوبلاستى شىنزۇ مۇزېيى»نى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى باھار يامغۇرىدەك ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى...

 دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سەھنىدە ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتى، خىزمەت كەچۈرمىشى ۋە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ھېكايىلىرىنى بايان قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

 كورلا شەھىرى يۇڭئەن كوچا باشقارمىسى كاڭجيەن مەھەللىسىنىڭ كادىرى ئايىمخان ئىسمايىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى دائىم تەشكىللەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2022- يىلى، ئۇ قۇملۇق تاشيولىدا خۇنەن شاۋياڭلىق لى كۇن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى چۈشەندۈرۈپ، «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشى»، «ئاپتونوم ئوبلاست بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى»، «ئاپتونوم ئوبلاست بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس»، «كورلا شەھىرى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

 «دوكلاتنى ئاڭلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىش يىلتىزى ۋە جان تومۇرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم.» ئايىمخان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «مەن ئاڭلىق ھالدا نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسىدىن بولىمەن.»

 دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان نۇتۇقى نەق مەيداندىكى ھەربىر ئاڭلىغۇچىنى تەسىرلەندۈرۈپ، چوڭقۇر ئورتاق سادا قوزغىدى.

 «بىرلىك سەپ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلارنىڭ ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن»، دېدى كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125