2024- يىللىق شىنجاڭ باغراش كۆلى «ئانودا» لوڭقىسى قۇملۇق دالا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەم قۇملۇق سەپىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
«بۇ قېتىم بىكارغا كەلمەپتىمىز!»
مۇسابىقىگە قاتناشقان دالا ئاپتوموبىللىرى قۇم دېڭىزىدا ئۇچقاندەك يۈرمەكتە. دۇغۇرجاۋ فوتوسى
«بۇ قېتىم بىكارغا كەلمەپتىمىز! بۇ يەردە كەسپىي مۇسابىقە مەيدانى دەرىجىلىك مۇسابىقە يولى بار ئىكەن. بۇ يەردە قۇملۇق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن مول يەر شەكلى بار بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن. قۇم، سۇ بىر- بىرىگە گىرەلەشكەن گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، باغراش كۆلى ۋە نەنشەن قۇملۇقىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدىم.» بۇ «يىپەك يولىدىكى تاغ- دەريالار . گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى» 2024- يىللىق شىنجاڭ باغراش كۆلى «ئانودا» لوڭقىسى قۇملۇق دالا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەم قۇملۇق سەپىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو كەسپىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى تەنھەرىكەتچىسى جاڭ گويۈنىڭ تەسىراتى، شۇنداقلا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.
بىپايان قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىدىن بەھۇزۇر بەھرىمەن بولۇش. 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، 2024- يىللىق شىنجاڭ باغراش كۆلى «ئانودا» لوڭقىسى قۇملۇق دالا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەم قۇملۇق سەپىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باغراش ناھىيەسىدە باشلاندى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 630دىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر نەنشەن قۇملۇق باغچىسىغا جەم بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىك قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى ئېلىپ كەلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ، ناخشا ساداسى ياڭراپ، مېھمانلار كۆپىيىپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى. «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش» ناملىق ناخشا، «شىنجاڭغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» ناملىق ئۇسسۇل قاتارلىق ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى مۇسابىقىگە رەڭدار خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرگە باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلدى.
يولغا چىقىش بۇيرۇق بايرىقىنىڭ پۇلاڭلىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان دالا ئاپتوموبىللىرى ئىككى- ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ، قۇم دېڭىزىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئوخشىمىغان تىپتىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنىڭ خۇددى ياۋا ئاتتەك غۇيۇلداپ ئۆتۈشىگە، قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك موتور ئاۋازىغا ئەگىشىپ، مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى بالونلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىدىن چىققان قۇم دانچىلىرى پۈتۈن ئاپتوموبىللارنى ئورىۋالدى. مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرلىرى چەكسىز قۇملۇق مۇسابىقە يولىدا چىدامچانلىق، ماھارەت جەھەتتە بەسلىشىپ، قۇملۇقتا دالا يۈرۈشىنىڭ قايناق ھېسسىياتى ۋە خۇشاللىقىنى قانغۇچە ھېس قىلدى. مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى بەزىدە بۇرۇلۇپ تېيىلىپ، بەزىدە قۇم بارخانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتتى، چاڭ- توزان كۆتۈرۈلۈپ، خەتەرلىك، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلدى.
جېجياڭلىق ساياھەتچى دەي لۇ مۇنداق دېدى: «قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ھەم جىددىي ھەم ھاياجانلىق بولۇپ، كىشىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. مەن مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ماھىرلىرىنىڭ يۇقىرى ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە دالا ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن ھەيران قالدىم. ھەر قېتىم ئاپتوموبىللار ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، چاڭ- توزان كۆتۈرۈلۈپ، بىزگە سۈرئەت بىلەن كۈچنىڭ مۇكەممەل بىرلەشكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يەككە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن T2 گۇرۇپپىسى، ئىمپورت قىلىنغان T2 گۇرۇپپىسى، بېيجىڭ BJ يۈرۈشلۈك كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان يەككە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، T2 گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە مۇساپىسى 60 كىلومېتىر، بېيجىڭ BJ يۈرۈشلۈك كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان يەككە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە مۇساپىسى 10 كىلومېتىر، يەككە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە مۇساپىسى 60 كىلومېتىر. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يولىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ھەرە كۆنىكىسىمان، پەيسىمان، بېلىق قاسرىقىسىمان، مۇنارسىمان قۇم بارخانلىرى توپى ئۆزگىرىشچان، جېڭفېڭ يانتۇلۇقى، يىڭخەن چوققىسى، ئېرلۇڭ چوققىسى، توۋتېڭ يانتۇلۇقى قاتارلىق كۆپ خىل قۇملۇق يەر شەكلى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئاپتوموبىل ماھىرلىرىنىڭ ھەيدەش تېخنىكىسىنى ھەر تەرەپلىمە سىنايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرلىرىغا باغراشنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
مۇسابىقە مەزگىلىدە، يەنە جەنۇبىي تاغ قۇملۇق تۆگە ئەترىتى سەيلىسى، ئېسىل تائاملار ۋە خاس مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتى بېيىتىلىپ، كۈزلۈك ساياھەتكە ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.
باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە سىجىل چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە مۇسابىقە داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش ئېففېكتنى جارى قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇسابىقە ئىقتىسادى بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
(بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دۇغۇرجاۋ، ياڭ بېيلەن، پەزىلىيە ياسىن خەۋىرى)