شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن جۇڭگو- زامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
19:34:17 2024-10-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن جۇڭگو- زامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى  10- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- زامبىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سەمىمىي دوستانە ئۆتۈش، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە كۈچەپ بەخت ياراتتى. بۇ يىل 9- ئايدا، زۇڭتۇڭ خىچىلېما جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردۇق.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو- زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو- زامبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- زامبىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.                   

 خىچىلېما مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 60 يىللىقى زامبىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئابىدە. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. تانزانىيە- زامبىيە تۆمۈريولى، شياكەيفۇشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. زامبىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى داۋاملىق قوللاپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، زامبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دائىملىق دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125