ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
زۇمرەت ئوبۇل مۇھاكىمە كۇرسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، كەڭ رېئال ئېھتىياجغا، پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە تولۇپ تاشقان جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان، جەمئىيەت تىنچ، ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. بىز يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى شىنجاڭدا جانلىق نامايان بولدى. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، قانۇنچىللىقنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت، قانۇنچىللىق قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)