ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولايلى
− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».
ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۆتكۈزۈشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئىلمىي ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت ۋە جاسارەت بىلەن، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئالدى بىلەن يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى؛ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىنىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى سىجىل مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى؛ ئىسلاھات داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغان «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپى قاتارلىقلار يىغىنچاقلىنىپ شەكىللەندۈرۈلدى. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، تەسىرى چوڭقۇر بولدى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى داۋاملىق پۈتۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا قەدەم قويغان ئارقا كۆرۈنۈش داۋامىدا پىلانلانغان ھەم ئالغا سىلجىتىلغان بولۇپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، چېتىلىدىغان مەنپەئەت چوڭقۇر، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى زور، باغلىنىشچانلىقى، ھەمتۈرتكىلىكلىكى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى. دادىللىق بىلەن چوڭقۇر سۇ رايونىغا يۈرۈش قىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىدىيەۋى قاراشتىكى ئاسارەتلەردىن قەتئىي قۇتۇلۇپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنىڭ بىرى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەمەلىي بولۇپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە پارتىيە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش «يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئاساس ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى». بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىر ھەرىكەت ھالىتىدىكى جەريان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز يېڭى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئىسلاھاتقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈملىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى» دېگەن ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاتقاندىلا، چوقۇم ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنلىشىدىغان، ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەرگە يولۇقىدىغان، شۇنداقلا ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدىغان، قەتئىي ئىلگىرىلىمىسە بولمايدىغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بوران- چاپقۇنلۇق مۇرەككەپ شارائىتتا قانچىكى ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، «قىيىنچىلىق، جاپا- مۇشەققەتنى يېڭىپ، ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش»تەك جاسارەت بىلەن، ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى زېمىنىنى تىرىشىپ ئېچىش كېرەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى بولىدىكەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوقۇم ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا كەڭ ئىستىقبال يارىتالايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)