جۇڭگوغا بوشلۇقتىن نەزەر | چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى ھاياتىي كۈچكە تولدى
11:42:31 2024-10-31 تىيانشان تورى

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

 چۇڭچىڭ پورت تىپى، قۇرۇقلۇق پورتى تىپى، ئايروپورت تىپى، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت تىپى، سودا مۇلازىمەت تىپىدىن ئىبارەت «بەش تىپ» ئىقتىدارنى تەڭلا ھازىرلىغان دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىگە ئىگە شەھەر، غەربىي قىسىم (چۇڭچىڭ) ئىلىم- پەن شەھەرچىسى شاپىڭبا بۆلەك رايونىغا جايلاشقان چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى تۈگۈن.
 چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى تۇەنجيې كەنتى مەركىزىي ۋوگزالى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورتى، چۇڭچىڭ تۆمۈريول پورتى قاتارلىق بۆلەك رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقىدىغان جاي، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولىنىڭ مەنبەسى، نۆۋەتتە نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 62سى ئېچىلىپ، يەرشارىدىكى 125 دۆلەت ۋە رايوندىكى 542 پورتقا تۇتاشتۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇب ۋە غەربكە قاراپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ تۆمۈريول- دېڭىز يولى بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «بىر تالون تۈزۈمى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تۆمۈريول- دېڭىز يولى بىرلەشمە تىرانسپورتىدا «بىر كود ئارقىلىق توشۇش»نى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «قۇرۇقلۇق- دېڭىز زەنجىرى» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئەشيا ئوبوروتى تورىنى بارغانسېرى زىچ توقۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېچىۋېتىلگەن- ئۇنىۋېرسال تۈگۈنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

10- ئاينىڭ 28- كۈنى، يۆتكەپ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورتىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورتىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئېكسپورت ئاپتوموبىللىرىنى قاچىلاپ توشۇش نەق مەيدانى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125