ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى
16:25:21 2024-10-31 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئاشۇرۇلما مىقدار تەدبىرلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، سانائەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى تۇتۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى، پۈتۈن شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن شەھەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 331 مىليارد 788 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشقان.

 ئۈچ كەسىپتىن قارىغاندا، 1- كەسىپ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، 2- كەسىپنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان، 3- كەسىپ سىجىل ئەسلىگە كەلگەن.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە يۈك ساندۇقى بېسىلغان مەخسۇس پويىز يولغا چىقىش سىگنالىنى كۈتمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)

 سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىملىق ئاساسىدا تېزلىتىلدى

 سانائەت ئىقتىسادىدا تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭكىدىن 1.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، سانائەتتە بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ماشىنىلىرىنى ياساش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ۋە كارخانىلارنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان.

 يېقىندا مىدۇڭ رايونى سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جەنخۇڭتۇ پولات قۇرۇلما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىللىق قۇراشتۇرما پولات قۇرۇلما ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 80 مىڭ توننا بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ 1- قارارلىق تۈرى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چەت ئەلنىڭ پولات كۆۋرۈك ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، 10- ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملاپ تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

 كارخانىنىڭ باش ئىنژېنېرى چېن چېڭ مۇنداق دېدى: بۇ كارخانىمىزنىڭ يېڭى سېخى، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى پولات قۇرۇلما تۈرى بولۇپ، ھەممىسىگە «بولتا ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان قۇرۇلما» ئىشلىتىلدى. كارخانا زاكاز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال چېرتيوژنى كوللېكتىپ تەكشۈرۈپ ۋە ئايرىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى لايىھەلەش تارماقلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىپ، قۇراشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەھسۇلاتنى بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى.

 شىنجاڭ جەنخۇڭتۇ پولات قۇرۇلما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2008- يىلى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كارخانا پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈرۈمچىدە كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 8.8 ھەسسە ۋە %66.3 ئېشىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا شەھەر بويىچە سېلىنغان مەبلەغنىڭ %4.7 ۋە %6.9ىنى ئىگىلىگەن.

 ئۈرۈمچى شەھىرى سانائەت ئىقتىسادىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بۇنى 1- نومۇرلۇق قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

 ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى

 يېقىندا خۇاديەن مىدۇڭ رايونى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنىڭ قىسمەن تورلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى تۇنجى قېتىم 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىكتىن ئېشىپ، 10 مىليون 5000 كىلوۋاتقا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 5 مىليون 245 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن خېلىلا ئاشتى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «جەنۇبنىڭ شامىلى، شىمالنىڭ يورۇقلۇقى» بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئىككى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش نىشانىنى توغرا نىشانلاپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بوشلۇق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتتى.

 ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرى شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىگە سالغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.5 ئېشىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە سېلىنغان مەبلەغنىڭ %16.7ىنى ئىگىلەپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 7.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان؛ پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى 9 مىليارد 181 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.8 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىكى توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %35.0ىنى ئىگىلىگەن، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

 مىدۇڭ رايونى بېيشاۋو يورۇقلۇق ۋولت بازىسىدىكى پىلانلانغان يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 25 مىليون 750 مىڭ كىلوۋات، ھازىر بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 18 مىليون 750 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېچىش دەرىجىسى %72.8كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتكەن يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتور سىغىمچانلىقى 4 مىليون كىلوۋات، قالغان تۈرلەرنى 2025- يىلى پۈتكۈزۈپ تورلاشتۇرۇش مۆلچەرلەندى.

 شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ داۋانچىڭ رايونى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى، خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋانچىڭ رايونى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قاتارلىقلاردا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتكۈزۈپ تورلاشتۇرۇش مۆلچەرلەندى.

 سانائەت كارخانىلىرىمۇ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇردى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 تۆۋەنلىدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى.

 يولۇچى- يۈك ئېقىم مىقدارىدا ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى

 يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئاپتوموبىل ئېقىمى ئۇلغايدى، بۇ ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، كىشىلەر يۆتكىلىشىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 17.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تاشيول، تۆمۈريول ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %16.5، %10.6 ۋە %36.2 ئاشتى.

 يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تاشيول، تۆمۈريول ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %1.2، %12.7 ۋە %62.6 ئاشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى دىققەتنى مەركىزىي شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئامىللارنى تەقسىملەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتىسى شەھىرى بولۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا توشۇغان يۈك، پوچتا يوللانمىسى ئومۇمىي مىقدارى 32 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى توشۇش كۈچى جەھەتتە شىنجاڭ ئىچىدىن ئۈرۈمچىگە كۆپ قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئومۇمىي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىدىن پايدىلىنىپ، ئايروپىلان ئالمىشىشنى قانات يايدۇردى.

 خەلقئارالىق ئالمىشىش جەھەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ- چىققان يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ- چىققان يولۇچى 445 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %114.6 ئاشقان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغان چېگرادىن كىرىپ- چىققان يولۇچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى 4723 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %152.8 ئاشقان.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا ئۈرۈمچى- خۇجەند، ئۈرۈمچى- يېرېۋان، ئۈرۈمچى- ئىستانبۇل، ئۈرۈمچى- كۇئالالۇمپۇر قاتارلىق سەككىز خەلقئارا يولۇچى توشۇش لىنىيەسى، توققۇز خەلقئارا يۈك توشۇش لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يولۇچى- يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

 ساياھەت بازىرىدا نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى

 چوڭ بازاردا خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدا چىلان تورۇقنى تاماشا قىلىش، نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا قەدەمنى ئاستىلىتىپ، ساپ تەبىئىي گۈزەللىككە قۇچاق ئېچىش... بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۈرۈمچى ساياھەت كەسپىدە يارقىن «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇرۇلدى.

 ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 97 مىليون 224 مىڭ 700 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 99 مىليارد 617 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.1 ئاشتى.

 بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا %85.4 ۋە %14.2نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %9.3 ۋە %33.1 ئاشتى. جەمئىي چېگرادىن كىرگەن 357 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىندى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت- ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنى «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر قىلىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن رايون مەدەنىيەت- ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

 ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 2- كەسىپنى كۈچەيتىپ، 3- كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، 1- كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيوتېببىي دورا، خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتماقتا. 4- پەسىلدە ساقلانما مىقدار سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا، بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنىڭ سىجىل يولغا قويۇلۇپ كۈچ قوشۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىدۇ.

ساياھەتچىلەر دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە قويۇلغان نادىر ئويۇنلارنى كۆرمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125