ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش | يۈز يىللىق كونا كوچا قازانچى يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان ۋاڭخۇڭ جايغا ئايلاندى
12:56:02 2024-10-31 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈ فوتوسى، خەۋىرى) غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىغا كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى بىر قۇرۇلۇش مۇزېيىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. بۇ يەردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ دەۋرىدىن بۇيانقى 300دىن ئارتۇق قەدىمىي ئىمارەت بار بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق قويۇق مىللەت خاسلىقىغا ئىگە تۇرالغۇ، ھويلا- ئارانلار يۇلتۇزلاردەك تارقالغان، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، تاتار قاتارلىق 13 مىللەت ئۇزاق مەزگىل بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن.

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، ساياھەتچىلەر غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىدا كەپتەرلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش + ئامما ئۆزى مەبلەغ توپلاش + جەمئىيەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش» سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇب بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم يېڭى مەنزىرە، يېڭى كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە كېلىشكە جەلپ قىلىپ، قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، ساياھەتچى غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىدا مىللىي قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

 بۈگۈنكى كۈندە، قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىدا 20 مىڭغا يېقىن ئاھالە يېقىن ئەتراپتا ياكى ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ساياھەت مۇلازىمەت كەسپىگە كىرىشتى. قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان «قازانچى ئۈلگىسى» بىلەن تەمىنلىدى.

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىدا ساياھەتچىلەر سەيلە خادىكىغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، ساياھەتچىلەر غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونىدا مىللەتلەر ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125