ئۈرۈمچى شەھىرى «قوش 11» تۈگۈن نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى
16:25:23 2024-10-31 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ھازىر ئىلتىماس قىلىش مىقدارى، تارقاتقان ئېتىبار بېلىتىنىڭ سوممىسى، سېتىلىشقا تۈرتكە بولۇش سوممىسى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا تۇردى

 بۇ يىل «قوش 11»دا ئىستېمالچىلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالغاندا ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، بۇ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنىڭ قىزغىنلىقىنى سىجىل ئاشۇردى.

 نۇرغۇن ئىستېمالچى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى قايتا بېزىلىپ تىجارەت باشلىغان سۇنىڭ يىگوۋ دوستلۇق بايراقدار دۇكىنىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن مەسلىھەت سوراۋاتاتتى.

 سۇنىڭ يىگوۋ دوستلۇق بايراقدار دۇكىنىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى، كارخانا ياردەم پۇلى، سۇنىڭ ياردەم پۇلى قاتارلىقلار قوشۇلسا، ئومۇمىي ئېتىبار بېرىش سالمىقى %50كە يېتىدۇ. سۇنىڭ يىگوۋ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىدىكى داڭلىق ماركىلار بىلەن بىرلىكتە 1000 خىلغا يېقىن يېڭى مەھسۇلات ۋە بازار تاپقان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. يېقىندا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ئەڭ يېڭى 3C مەھسۇلاتلىرىنىمۇ دۇكىنىمىزدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

 «قوش 11» مەزگىلىدە سۇنىڭ يىگوۋ «10 مىڭ دۇكان تەڭ ياردەم پۇلى بېرىش، %50 ئېتىبار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق»نى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى %20 ياردەم پۇلى ئاساسىدا خەيئېر، مېيدى، خەيشىن، شىمېنزى، چۇاڭۋېي قاتارلىق 100 چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ماركىسى بىلەن بىرلىكتە بايلىق سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يېجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇكانلىرىمىزدا ئىستېمالچىلارنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش زاكاز تالونى %129 ئاشتى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ قوزغىتىش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك بولدى.

 سۇنىڭ يىگوۋ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دۇكاندا كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا بەشنى كەچۈرۈم قىلىش، تۆتكە چەك قويماسلىق، 365 كۈن قايتۇرۇشقا، ئالماشتۇرۇشقا بولۇش، ئاساسىي ئاپپاراتىنىڭ كاپالەت مۇددىتىنى ئون يىلغا ئۇزارتىش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى سېتىۋالسا ھەقسىز تازىلاپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش» قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

 تور سىرتىدىكى دۇكانلاردا ئۆتكۈزۈلگەن سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، ئىستېمالچىلار سۇنىڭ يىگوۋ Appسىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2120 يۈەنلىك «ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى ئېتىبار بېلىتى» ۋە 1500 يۈەنگە توشسا، 120 يۈەن كېمەيتىش قاتارلىق «ئەزالار يۇقىرى سوممىلىق ئېتىبار بېلىتى»گە ئېرىشەلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 «ھازىر تېخى كونا توڭلاتقۇ، كىرئالغۇلىرىمنى ئالماشتۇردۇم، ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بىلەن كارخانىنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيىتىنى قوشقاندا 3000 يۈەندىن كۆپرەك تېجەپ قالدىم»، «ياردەم پۇلىدىن پايدىلىنىپ قاچا يۇيۇش ماشىنىسى سېتىۋالدىم، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مىڭ يۈەنگە يېقىن ئېتىبارغا ئېرىشتىم»... نۆۋەتتە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۈرۈمچى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى ئىستېمال بازىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ياردەم پۇلى شەھەر ئاھالىسىنىڭ «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى، ئۈرۈمچى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى سېتىش بازىرىدا سېتىۋېلىش- سېتىش جانلاندى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودا تارمىقى ئېلان قىلىنغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوش 11» مۇھىم ئىستېمال تۈگۈن نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى سىجىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

 10- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى 32 مىڭ 722 دانە ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دۆلەت ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش سوممىسىنىڭ 188 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى 20 مىڭ دانە ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش سوممىسىنىڭ 120 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش مىقدارى، تارقاتقان ئېتىبار بېلىتىنىڭ سوممىسى، تۈرتكە بولغان سېتىش سوممىسى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باش ئورۇندا تۇردى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125