شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشتا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى نېمە ئۈچۈن جەزمەن تاللايدىغان تۈر؟
18:10:14 2024-10-31 تىيانشان تورى

بالىلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاتۇش كوچىسىدا ئوينىماقتا. جۇ مىڭجۈن فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن ئىبارەت

بۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە

دۆلەت مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى

شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان

چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە جانلىق ھالەتتىكى قەدىمىي شەھەر

يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىياپىتى بىلەن

شىنجاڭنى ساياھەت قىلغاندا قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان جەزمەن تاللايدىغان تۈر بولۇپ قالدى

2024- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى سەيلە قىلسىڭىز

خۇددى قەدىمكى دەۋردىكى يىپەك يولى سودا شەھىرىگە كېلىپ قالغاندەك بولىسىز

1950- يىلى باھار، گېڭگۇڭ بىناسىدىن قەشقەر كونا شەھەر ئاھالىلەر رايونىغا نەزەر. يۈەن گوشياڭ فوتوسى

تار، ئەگرى- بۈگرى كوچىلار

توپا- ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئاھالە ئۆيلىرى

نەپىس، چىرايلىق ياغاچ ئويمىلىق ئىشىك- دېرىزىلەر

ھەممىسىگە ۋاقىت ئەسلىمىلىرى ئويۇلغان

1957- يىلى، قەشقەر كونا شەھەر ئۆستەڭ بويى كوچىسى. © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدا

قەدىمىي شەھەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ

كۆپىنچىسى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ

قاتار- قاتار سېلىنغان، قۇرۇلمىسى ئىخچام

2007- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، قەشقەر كونا شەھەر ئارىيا يولى. ۋۇ يۇڭ فوتوسى

2009- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى، قەشقەر كونا شەھىرى © نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمىدا

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بىر ئىمارەتلەر توپى بولۇپلا قالماي،

تېخىمۇ مۇھىمى بىر جانلىق مەدەنىيەت مۇزېيىدۇر

2016- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەشقەر كونا شەھىرىنىڭ بىر بۇرجىكى. جۇ مىڭجۈن فوتوسى

بۇ يەردە

مۇقام سەنئىتى، كەشتىچىلىك، كۇلالچىلىق قاتارلىق

ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئىتىگە ئوخشاش

نۇرغۇن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ساقلانغان

2024- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، سەھەردىكى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالغاچ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالە ياقۇپجان كازى مىس بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى باشلىۋەتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قەدىمىي شەھەردىكى تار كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ھۈنەرۋەنلەرنىڭ

دۇكانلىرى ئالدىدا ھەر خىل ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ

ساياھەتچىلەر بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتلەرنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتەلەيدۇ ۋە ھېس قىلالايدۇ

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر تۆمۈرچىلىك دۇكىنى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا گۇۋاھ بولغانمىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر

بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا يىللارنىڭ ئۇزاق ئېقىنلىرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ئۇ، بىر شەھەرلا ئەمەس

تېخىمۇ مۇھىمى بىر جانلىق تارىخ

بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىخچام كارتىنىسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئالاھىدە چوڭ مىس چەينەك. ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى

ھەربىر كوچا، ھەربىر قۇرۇلۇش، ھەربىر پارچە خىش- كاھىش

بۇ شەھەرنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بوشلۇقتىن نەزەر. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە مەززىلىك تائاملار كۆپ

ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان خامبازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا چەينەك شورپىسى سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان خام بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا مەززىلىك تائاملارنى سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ئاشپەز قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان خام بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا ساياھەتچىلەرگە پولۇ ئېتىپ بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەززىلىك تائاملار بىلەن تولدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خام بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا قىزىلگۈل باچكا شورپىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى. جاڭ يۈن فوتوسى

پايدىلانغان مەنبە: «كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125