10- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر شەھىرى تۈمەن يولىدا كېتىۋاتقان تاكسىنىڭ ئۈستىدە «يولۇچى بار» دېگەن بەلگە خېتى يورۇپ تۇراتتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «سودام يامان ئەمەس، ھازىر قەشقەردە مېھمانلار ناھايىتى كۆپ، ھەر كۈنى 400 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن»، دېدى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى قەشقەر شەھىرى تۈمەن يولىدا يولۇچىلارنى توشۇۋاتقان تاكسى شوپۇرى يۈسۈپ غېنى.
گەرچە كەچكۈز بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر شەھىرىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل يۇقىرى بولدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنى مىسالغا ئالساق، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان، ساياھەتچىلەر كۆپ بولغاندا 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىنى كۆرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ساياھەت +» كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىللىق ساياھەتچىلىك ھالىتىنى سىجىل بەرپا قىلدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى.
بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، قەشقەر شەھىرى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 20 مىليون 753 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.78 ئاشقان، ئورۇنلىغان دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 16 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.03 ئاشقان.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئارتىسلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا ئويۇن قويماقتا.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كىرمەكتە.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا سەيلە- ساياھەت قىلماقتا.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا يوقلىمىدىن ئۆتۈپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا مىس بۇيۇملارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ خاس يېمەكلىكلەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچىلەر كوئېنلۇن مۇنارىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلماقتا.