10- ئاينىڭ 28- كۈنى، قۇربان خىزمەتداشلىرى بىلەن چارلاش- قوغداش جەريانىدا قومۇشلۇقنى كېسىپ ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى) «يىلدا چىقار شۇ بوران، ئەتىيازدىن تا قىشقىچە، كۈندە ئىككى سەر توپا يۇتىمىز، كۈندۈز تۈگۈل ھەتتا كېچىدە». 10- ئاينىڭ 28- كۈنى قۇربان روزى مۇنداق دېدى: بۇ، مېنىڭ يۇرتۇم چەرچەن ناھىيەسىدە ئىلگىرى تارقىلىپ يۈرگەن گەپ ئىدى، ھازىر بۇ يەردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئارقىلىق، قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانماقتا.
ھەر كۈنى قۇملۇقتا ئون نەچچە كىلومېتىر پىيادە مېڭىش قۇربان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ (10- ئاينىڭ 28- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
چەرچەن ناھىيەسى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ خېشى كارىدورى- تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جەڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن قۇملۇقنى چەرچەن دەرياسى ئايرىپ تۇرىدۇ. 1998- يىلى، 20 ياشلىق قۇربان قومۇل كۆمۈر كان تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىشنى تاللاپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان چەرچەن ناھىيەلىك قۇم تىزگىنلەش پونكىتىغا خىزمەتكە چۈشتى.
قۇم تىزگىنلەش پونكىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاران يەتتە خىزمەتچى بار بولۇپ، شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. قۇربان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەر كۈنى قۇملۇقتا ئون نەچچە كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ، چارلاش- قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. يول يوق بولسا يول ياسىدى، كۆۋرۈك يوق بولسا كۆۋرۈك سالدى. يەتتە ئادەم يەتتە گۈرجەك بىلەن بىر ئاي جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى بەش كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شېغىل يول ۋە بىر ئاددىي كۆۋرۈك ياسىدى.
10- ئاينىڭ 28- كۈنى، قۇربان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى چارلاش- قوغداش جەريانىدا تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى رېمونت قىلماقتا.
ئىش باشتىلا تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!
شۇنىڭدىن كېيىن، قۇربان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا باشلىدى، ماشىنىلاشقان قۇدۇق ۋە سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا، ئۇلار دەريادىن چېلەكتە سۇ توشۇپ كېلىپ دەرەخلەرنى سۇغاردى.
10- ئاينىڭ 28- كۈنى، قۇربان خىزمەتداشلىرى بىلەن چارلاش- قوغداش يولىدا چۈشلۈك تاماق يېمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ تېجەش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، قۇم تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ خىزمەت شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. قۇمنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق تىزگىنلەشنىڭ تۈرتكىسىدە، قۇم تىزگىنلەش پونكىتى ھەر يىلى نەچچە مىڭ مو سۈرئەت بىلەن قۇم تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى.
10- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە، قۇربان ۋاقىتلىق چېدىر سىرتىدا يان تېلېفون سىگنالى ئىزدىمەكتە.
26 يىلدىن بۇيان، قۇم تىزگىنلەش پونكىتى ۋە ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، چەرچەن ناھىيەسى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە 129 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكتى. بۇ دەل- دەرەخلەر خۇددى يېشىل قالقانغا ئوخشاش تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بېسىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يىللىق چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى %31 ئازايدى، يامغۇر مىقدارى %17 ئاشتى.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يۈچۇەن دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىدا سەيلە قىلماقتا.
2023- يىلى 11- ئايدا، قۇربانغا «مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.