مەن قەلبىنۇر قۇربان، قۇربان خەلق ئۆرپ- ئادەت مۇزېيىنىڭ «2000- يىللاردا تۇغۇلغان» مەسئۇلى.
قۇربان خەلق ئۆرپ- ئادەت مۇزېيىدا گىلەم، ئەتلەس، قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئىدىقۇت رايونى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى ئەمەلىيەت بازىسى»، «ئىدىقۇت رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» دەپ نام بېرىلگەن.
ئائىلىمىزدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسى قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، دادامنىڭ تەسىرىدە، مەنمۇ بۇ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئەت گىلەملىرىگە شۇنچىلىك قىزىقىمەن.
2019- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كۆپ تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغ ۋە يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.
تۇرپان تارىخ- مەدەنىيەت ئاساسى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان ساياھەت شەھىرى. ئەتلەس توقۇش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئىتى بولۇپ، ھازىرغىچە 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، 2008- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىندى. ئۇ يىپەك يولىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان تىرىك تاشقاتما، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇن يۈكلەنگەن، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر تاماملاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە. ھازىر بىز لايىھەلىگەن مېۋە- چېۋە، شاخ- يوپۇرماق، دۇتار، چالغۇ قاتارلىق نۇسخىلاردىكى ئەتلەسلەر ئوخشاش بولمىغان ياش بۆلىكىدىكى ھەرقايسى مىللەت ئاياللىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
مېنىڭچە بارلىق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى جاۋابقا ئېرىشىدۇ، بىز ئىشلەپچىقارغان گىلەم قاتارلىق قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى پاكىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە ھەمدە دېڭىز بويى رايونلىرى قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەر ھەم خېرىدارلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇزېيغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچى 100 مىڭ كىشىگە يەتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈندىلىك ساياھەتچى مىقدارى 8000 كىشىگە يەتتى، بۇ ھەم ماڭا ئىشەنچ بېغىشلىدى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېس قىلدۇردى، مۇزېينىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسەۋۋرۇم تولۇپ تاشتى.
بىزنىڭ بۇ يەردە 300دىن ئارتۇق شاگىرت ئۆگىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا رەخت توقۇش، كەشتىچىلىك قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد گۈللىنىشى، مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشىگە تىرەك بولماقتا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ««يىلتىز تومۇرى»نى ساقلاپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كاللىمىزدا چىڭ ساقلىشىمىز، قېنىمىزغا سىڭدۈرۈشىمىز، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر، مەن دادامنىڭ قولىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدىم، مەن مۇزېينىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ نەپىس ئەتلەس ۋە گىلەملەرنى توقۇپ چىقىمەن.