«ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 10- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى «قار شەھىرىدىكى خەلقنىڭ قار- مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان.
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، چاڭغا تېيىلغۇچىلار كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلماقتا. دۇڭ شىجۈ فوتوسى
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ قار- مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى 2024- 2025-يىللىق قار پەسلى (يېڭى يىللىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەمدە باھار بايرىمىدىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولغان 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا) بولۇپ، ئالاقىدار چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، كۆكتوقاي چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، جېكبېلىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ئىكەن؛ A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قار- مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2025- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولۇپ، ئالاقىدار مەنزىرە رايونلىرى قاناس مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونى، قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزار مەنزىرە نۇقتىسى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى يايلاقتىكى تاش شەھەر مەنزىرە نۇقتىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى سۇ ئۈستىدىكى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئەسكەرتىلگەن: ھەرقايسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈش مىقدارىغا چەك قويۇلغاچقا، ھەقسىز چاڭغا تېيىلىشتا ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ ھەرقايسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ چاڭغا تېيىلىش كارتىسى بېجىرىشى، ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قاناس مەنزىرە رايونىغىمۇ «ئەسلىي سەپەر تورى» (原行网)دا ياكى نەق مەيداندا ئالدىن كېلىشىپ كىرىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)