ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى پەسىلمۇپەسىل ئۆرلىدى
12:59:51 2024-11-01 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 59 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشتى

ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى پەسىلمۇپەسىل ئۆرلىدى

 ئۈرۈمچىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئۈرۈمچى تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93ىنى ئىگىلىدى.

 بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.7 ئېشىپ، %42.1نى ئىگىلىدى.

 شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىدىكى ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.8ئېشىپ، %7.7نى ئىگىلىدى.

 1-، 2-، 3- پەسىلدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6، %12.3، %37.1ئاشتى.

 پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 16 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشتى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %122.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 58.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېچىۋېتىلگەن سودا مۇھىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتىنى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندۈردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى پەسىلمۇپەسىل ئۆرلەپ، 1-، 2-، 3- پەسىلدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6، %12.3، %37.1 ئاشتى.

 10- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۈرۈمچىنىڭ تاشقى سودىسى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 59 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 47 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 11 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشقان.

 «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۈرۈمچى تاشقى سودا ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى مۇستەھكەملەندى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى ھەمدە تۆت ئالاھىدىلىك بارلىققا كەلدى.

 ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى پەسىلمۇ پەسىل ئۆرلەپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6، %12.3، %37.1 ئاشتى. «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش»، «سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز»، «باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە مېيى» قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ماكانلىشىشىغا تايىنىپ، سودا قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، سودا شەكلىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك سودا شەكلىدە بىردەك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش سودىسى شەكلىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4، %11.8، %35.8 ئاشتى.

 ئەنئەنىۋى سودا بازىرىدا ئېشىش مۇقىم، ساغلام بولدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنى ئېچىش كۈچلۈك بولدى. ئۈرۈمچى تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «ھاياتىي كۈچى»نى ئۇرغۇتۇپ، تاشقى سودا دائىرىسى ۋە ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئۈرۈمچى تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93ىنى ئىگىلىدى؛ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.7 ئېشىپ، %42.1نى ئىگىلىدى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.8 ئېشىپ، %7.7نى ئىگىلىدى.

 پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى گەۋدىلىك بولدى، چەت ئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغ بىرقەدەر تېز ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تىجارەت جانلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بازارغا ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ تاشقى سودىسىدا ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 16 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى سودىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %122.8 ئاشۇرۇپ، ئېشىش سۈرئىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 58.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى تاشقى سودىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 ئۈرۈمچى تۈگۈن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، «تۆمۈريول- تاشيول بىرلەشمە تىرانسپورتى»، «ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا مال توپلاش + سوغۇق زەنجىرلىك نۆۋەتچى پويىز»، «نۆۋەتچى پويىز + باجدىن خالىي» قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئەشيا ئوبوروت بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەقسىملەش ۋە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچىنىڭ تاشيول، سۇ يولى، تۆمۈريول ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9، %28.8، %36.7، %111.4 ئاشتى، «تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە راۋانلاشقان، تاشقى جەھەتتە تۇتاشقان» ئىستېرېئولۇق ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى تېز شەكىللەنمەكتە.

 ئۈرۈمچى- سانجى تاموژنىسى ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشى ۋە «ئاقىل تاموژنا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ھەرىكىتىنى پۇرسەت بىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تاشقى سودا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچى تاشقى سودىسىدا تۆتىنچى پەسىلدە مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125