ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى كۈچلۈك بولدى
12:59:57 2024-11-01 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئىشچىلار شىنجاڭ لۇڭجۈ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ كاربونلاشتۇرۇش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)

 ئىنچىكىلىكلىكى قىلدەك بولسىمۇ، 3000 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؛ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بىر كىۋارتىس تاش يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالىغا ئايلاندى؛ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن، ئېگىزلىكى 3.65 مېتىر كېلىدىغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك شوخلا ئۈزۈش ماشىنىسىنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما لايىھەلىنىشى ياخشى بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايدۇ... ھازىر ئۈرۈمچىدە يۇقىرى پەن تېخنىكا، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت، يېشىل ئىقتىساد «مەھسۇلات»ى ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رايون رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن 2- كەسىپنى كۈچەيتىپ، 3- كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، 1- كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۈرۈمچىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىشى كېرەك.

 ئۈرۈمچىدىكى كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ماشىنا بىلەكلەر ھەرىكەتكە كېلىش، ماتېرىياللارنى ئاپتوماتىك ئېلىپ ئارقىمۇئارقا كەپشەرلەش، قاتلاش، قاتلاپ پىرېسلاش، رامكىغا قاچىلاش، ئوراپ قاچىلاش... 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتاللىرى شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئاخىرىدا «كۆپكۆك دېڭىز» ھاسىل قىلىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلدى.

 يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر خىل مەھسۇلات. بۇ كارخانا تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق كرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كىۋارتىس تاشنى خام ماتېرىيال قىلىپ، سانائەت كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي يالپاق پارچىسى، باتارېيە ياپراقچىسى، يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقاردى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈي دۇڭشۆ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز كىرېمنىيلىق يورۇقلۇق ۋولت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر پارچە كىۋارتىس تاشنى بىر پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى».

 شىنجاڭ لۇڭجۈ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىدىكى ماشىنىلاردا قارا رەڭلىك كاربون تالالىق ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن ۋېنبو مۇنداق دېدى: ھەربىر دەستە كاربون تالاسى نەچچە ئون مىڭ تال يەككە تالادىن تۈزۈلگەن بولۇپ، 500 ھەسسىلىك مىكروسكوپتا ئاندىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان «يەككە تالا»نى كۆرگىلى بولىدۇ، دىيامېتىرى چاچنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىمۇ كۆپ ئۆلچەملىك دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، كەسىپ دائىرىسى ۋە قىممەت چېكىنى تېزلىتىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

 تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئۇزاق مەزگىللىك پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شوخلا ئۈزۈش ماشىنىسى 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە بازارغا سېلىندى. بۇ شىركەتنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەتقىقات لايىھەلەش يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن كۇي مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بۇ شوخلا ئۈزۈش ماشىنىسى سائىتىگە 80 توننا شوخلا ئۈزەلەيدۇ ھەم سولياۋ يوپۇق يۆگىشىۋېلىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، ئومۇمىي تېخنىكا كۆرسەتكۈچى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

 يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ئىپادىسى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى: كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلىسىلا، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ھازىر كارخانا ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىدا تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭكىدىن 1.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىمۇ كۆپەيدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈرۈمچىدە كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 8.8 ھەسسە ۋە %66.3 ئېشىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا پۈتۈن شەھەر بويىچە سېلىنغان مەبلەغنىڭ %4.7 ۋە %6.9ىنى ئىگىلىگەن.

 تەخمىنەن 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان گەنچۈەنپۇ 400 مېگاۋات/1600 مېگاۋات/سائەتلىك ئارىلاشما ئېلېكتىرو خىمىيەلىك ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى يولغا قويۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاتەيلۇڭ خىمىيەلىك ياردەمچى قوشۇلمىلار چەكلىك شىركىتى 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان يىلىغا مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى نازۇك خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيالىدىن 20 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، شىنجاڭ خۇڭسەن تۇلياۋ چەكلىك شىركىتى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يىلىغا 40 مىڭ توننا يېڭى تىپتىكى تۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەر ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلدى...

 بۇ تۈرلەرنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تېخنىكىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، باشقا كەسىپلەرگە بولغان تۈرتكىلىك رولىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125