جاڭ شىنرۇي
تۇرمۇشتا بىز دائىم ئىللىقلىق بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىمىز، ئاندىن پارچە- پارچە ئەڭ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى قالدۇرىمىز.
ئېسىمدە قالغان ئاشۇ قىش، ئويلىغاندىنمۇ سوغۇق ئىدى. ئۇ كۈنى، مەن شەھەر ئەتراپىدىكى بىر كارخانىغا ئىش بېجىرگىلى بارماقچى بولدۇم. تاڭ سۈزۈلگەندە، مەن ماڭماقچى بولۇپ ئاپتوموبىلغا چىقتىم. بىراق ئوت ئالدۇرسام، موتور ئىككى غىرىلداپلا ئۆچۈپ قالدى.
مەن ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، يان تېلېفون يۇمشاق دېتالىدا ئاپتوموبىل زاكاز قىلىشقا باشلىدىم. ئۇچۇر تارقىتىلغاندىن كېيىن، زاكازنى ئالىدىغان شوپۇر چىقمىدى. سوغۇق شامال گۈكىرەپ كېتىۋاتاتتى. مەن مامۇق چاپىنىمنىڭ ياقىسىنى چىڭ ئېتىۋالغان بولساممۇ، ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىۋاتاتتىم.
ئون مىنۇتتىن كېيىن، ئاخىرى بىر شوپۇر زاكازنى قوبۇل قىلدى. مەن يول بويىدا تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم، ۋاقىت مىنۇت- سېكۇنتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، لېكىن شوپۇر ئۇزاققىچە كەلمىدى. يان تېلېفوننى ئېچىپ قارىسام، ئەسلىدە شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلى يولدا توسۇلۇپ قاپتۇ.
تۇيۇقسىز، بىر تاكسى ئالدىمدا توختىدى. شوپۇر تاكسىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، «سىز نەگە بارىسىز؟» دەپ سورىدى. مەن مەنزىلىمنى ئېيتتىم. «تېز تاكسىغا چىقىڭ، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي»، دېدى شوپۇر.
مەن تاكسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئاپتوموبىلغا چىقاي دەپ تۇرۇپلا، ئۆزۈمنىڭ توردا ئاپتوموبىل زاكاز قىلىپ قويغانلىقىمنى يادىمغا ئالدىم، بۇنداق ۋەدەمدە تۇرمىسام مۇۋاپىق بولماس، دەقىقە ئويلىنىپلا تاكسىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ، شوپۇرغا: «رەھمەت، مەن توردا ئاپتوموبىل زاكاز قىلىپ قويغان، كېلەيلا دەپ قالدى»، دېدىم.
بۇ چاغدا، بىر ئاپتوموبىل تاكسىنىڭ كەينىدە ئاستا توختىدى، مەن نومۇر تاختىسىغا قارىدىم، دەل مەن زاكاز قىلغان ئاپتوموبىل ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ ئاپتوموبىلغا چىقتىم. شوپۇر بىر يىگىت بولۇپ، تۇرقىدىن بەك زېرەكلىكى چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۇ: «سىز بايا تاكسى شوپۇرى بىلەن نېمە دېيىشتىڭىز؟» دەپ سورىدى.
شۇنىڭ بىلەن، مەن بايىقى جەرياننى بىر قېتىم سۆزلەپ بەردىم. يىگىت بۇنى ئاڭلاپ يەنە: «بۇنداق سوغۇقتا نېمىشقا ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرمايسىز، توڭلاپ كەتمەيتتىڭىز ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى.
«مەن سىزگە قىلغان لەۋزىمدىن يېنىۋالمىسام بولمايدۇ»، دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، يىگىتمۇ بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.
بىز يول بويى پاراڭلاشتۇق، ئاپتوموبىل كارخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى. مەن ئاپتوموبىلنىڭ پۇلىنى تۆلەپ، ئاپتوموبىلدىن چۈشەي دەپ تۇرغىنىمدا، بۇ يەرنىڭ بەك چەت ئىكەنلىكى، ئاپتوموبىل توسۇشنىڭ تەسلىكى يادىمغا كېلىپ، يىگىتكە: «مەن سەل تۇرۇپ يەنە سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزغا ئولتۇرۇپ قايتايمىكىن دەيمەن، سىز مېنى ساقلاپ تۇرالامسىز، بولمىسا مەن سىزگە ئازراق زاكالەت پۇلى بېرەيمۇ؟» دېدىم.
« نېمە زاكالەت پۇلى ئالاتتىم؟ سىز كىرىۋېرىڭ، مەن سىزنى ساقلايمەن»، يىگىت خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.
ئويلىمىغان يەردىن، ئىش ئوڭۇشلۇق بولماي، ۋاقىت مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن كۆپ سوزۇلۇپ كەتتى. بېجىرىپ بولغاندا بىر سائەت ئۆتۈپ كەتكەنىدى. «يىگىت ساقلاپ تاقەت قىلالماي، باشقا يەرگە كىرا ئالغىلى كەتكەندۇ»، مەن ئىچىمدە شۇنداق پەرەز قىلدىم.
مەن دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاكسىنىڭ يول بويىدا توختاپ تۇرغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقىدىم. قۇياش نۇرى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن رەڭلىك نۇر چاچقانىدى. يىگىت مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن، مەن: «سىزنىڭ تېخىچە مېنى ساقلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلىماپتىمەن، شۇنچە ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم، بەك سەت بولدى!» دېدىم.
ئۇ: «ھېچقىسى يوق. ئەتىگەندە سىز قىستۇرۇلۇپ كىرگەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماي، ۋەدىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇردىڭىز، بۇ ماڭا قىلىنغان ھۆرمەت. شۇڭا، مەن سىزگە ئوخشاش سەمىمىي بولىمەن، ماقۇل بولغانىكەنمەن، چوقۇم سىزنى ساقلايمەن»، دېدى.
مەن داڭ قېتىپلا قالدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزۈمنىڭ بىر ئاددىي ھەرىكىتىمنى ئۇ شۇنچە قەدىرلەپتۇ. قەلبىم بىر خىل ئىللىقلىق بىلەن تولۇپ كەتتى، توختىماي خۇشال بولدۇم، تەسىرلەندىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن شۇنىڭغا ئىشەندىم، قەلبىمىز قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئىللىقلىققا يۈزلەنسەك، كىشىلەر ئارىسىدا چۈشىنىش، دوستلۇق كۆپىيىدىكەن. ھەممىمىزنىڭ بۇ دۇنيا تەرىپىدىن مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىپ، ئىللىقلىقنى تۇرمۇشىمىزنىڭ تەگلىك رەڭگىگە ئايلاندۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆكخوت شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى