ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىپ- باشقۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھۆل ئۈزۈم 5530.3 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %418 كۆپەيگەن. ھازىر ئۈزۈم ئېكسپورتىنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھۆل ئۈزۈم ئېكسپورتى زور دەرىجىدە ئاشقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى رويخەتكە ئالدۇرغان ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى 50 مىڭ مودىن ئاشتى، مېۋىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى رويخەتكە ئالدۇرغان مېۋىلىك باغ 33كە يەتتى، ئاساسلىق سورتلىرىدىن كېرييسېن، قىزىل يەرشارى، فۇلېي قاتارلىقلار بار بولۇپ، يىللىق ئۈزۈم ھوسۇلى 100 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى بېنگال، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)