ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سودا سوممىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى
17:12:48 2024-11-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3- تەرەپ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىدا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى ۋە كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى نامايان بولۇپ، تور سودا سوممىسىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان. توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكىلەرنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكىلەرنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %11.7، %19.2 ئاشقان.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا بىۋاستە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 5 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە، بىۋاستە توردا پارچە سېتىش مىقدارى 130 مىليون دانىگە، بىۋاستە كۆرسىتىش قېتىم سانى 74 مىڭ مەيدانغا يەتكەن، بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر 920 مىليونغا يېقىنلاشقان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125