ئىسلاھاتقا ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرايلى
10:30:20 2024-11-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىسلاھاتقا ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرايلى

 − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 «ئىسلاھات بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىلمىي ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.» ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، «ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش» قاتارلىقلارنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.

 ئىسلاھاتتا بىكار قىلىشمۇ، ئورنىتىشمۇ بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈملۈك يولىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەڭ مول، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ سىستېمىلىق ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنى شەكىللەندۈردى. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب دەل توغرا يۆنىلىشنىڭ دەل جايىدا ئىگىلەنگەنلىكى، ئىلمىي ئۇسۇلنىڭ ئىگىلەنگەنلىكىدە. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا «سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش» قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇملۇق قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

 ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشاش بىر- بىرىگە تايىنىدۇ، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. «بارلىق قانۇن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىش بېجىرگەندە ئادىل بولمىسا بولمايدۇ.» ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇنچىللىقنىڭ جان تومۇرى، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداش كېرەك، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ، قانۇندىن چەتنەپ ئىلتىپات قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

 بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىسلاھات كونىسىنى بىكار قىلىپ، يېڭىسىنى ئورنىتىش جەريانى، بىكار قىلىش ۋاسىتە، ئورنىتىش مەقسەت. بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، ئورناتمىغۇچە بىكار قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش داۋامىدا ئېرىشكەن قىممەتلىك تەجرىبىسى بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدىن ئىبارەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بۇ مۇھىم پىرىنسىپىنى نامايان قىلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنىتىش، يەنە كېلىپ پۇختا ئورنىتىش، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قىلىش، يولغا قويۇشقا بولىدىغان قىلىش، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان قىلىش كېرەك؛ بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش ئاساسىدا ۋاقتىدا بىكار قىلىش، قەتئىي بىكار قىلىش، ئۈزۈل- كېسىل بىكار قىلىش كېرەك. ئالدىرىغان يولدا قالىدۇ، تەييارلىقسىز جەڭ قىلىشقا بولمايدۇ، بىز تاشنى سىيلاپ دەريادىن ئۆتۈش بىلەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت- شىجائەتلىك بولۇپ، ھەم تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش داۋامىدا ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

 ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ شۇنچە يۇقىرىلايدۇ؛ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمە ھالەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى يەككە ئايلىنىش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد- سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تاشقى سودا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياراتقاندا، چوقۇم ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

 ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. «ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك»، ئىسلاھاتتا پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسلىقى ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك بولۇپ، ئەتراپلىق، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات لايىھەسىنى لايىھەلەشتە جەزمەن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېنىق، زەنجىر مۇكەممەل، ھەممە ھالقىلار بىر- بىرىگە باغلانغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆججەت تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا سەل قاراش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «قۇملۇق ساھىلدا دولقۇن ئاخىرغىچە يېتىپ بارالماسلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىسلاھاتتىكى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر» بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر قېتىمدىلا ئۈزۈل- كېسىل تاماملاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەش كېرەك.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي جاسارەت بىلەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە ئۆزىنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىش، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەسلىك كېرەك.» ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا مۇناسىۋەتسىز ئادەم، چەتتە قاراپ تۇرغۇچى يوق، دېگەن قاراشنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلمىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭغاندا، چوقۇم ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125