سىياسەت پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىستېمال بازىرى كۈنسېرى جانلاندى
22:22:27 2024-11-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

ئىستېمالنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادىي چوڭ يۈزلىنىشكە، يەنە بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تۇتىشىدۇ.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى، تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ پايدىلىق بولۇشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ رول ئوينىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىغىمنى كېڭەيتىشنى كۈتۈۋالدى، ئاھالىلەرنىڭ سۈپەتلىك، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 277 مىليارد 993 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولغان.

سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلىنىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىدىكى قىزىق تېمىلىق سۆز بولۇپ قالدى، «ئەمەلىي» بولغان ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى.

10- ئاينىڭ 29- كۈنى، قايتىدىن بېزىلىپ تىجارەت باشلىغان شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ ئۈرۈمچى دوستلۇق بايراقدار دۇكىنىدا، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئېلانى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، نۇرغۇن ئىستېمالچى كېلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن مەسلىھەت سورىدى.

«قوش 11» مەزگىلىدە، سۇنىڭ يىگوۋ «ئون مىڭ دۇكانغا تەڭ ياردەم پۇل بېرىش، باھانى %50 چۈشۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەسلىك» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى %20 ياردەم پۇلىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، خەيئېر، مېيدى قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى داڭلىق ماركىلىرى بىلەن بىرلىشىپ بايلىق سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، خېرىدارلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. تور سىرتىدىكى دۇكانلارنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن باشقا، ئىستېمالچىلار سۇنىڭ يىگوۋ APP تېرمىنالىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2120 يۈەنلىك «ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش ئېتىبار بېلىتى» ۋە 1500 يۈەنگە توشسا 120 يۈەن كېمەيتىش قاتارلىق «ئەزالار چوڭ سوممىلىق بېلىتى»نى بىۋاسىتە ئالالايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بىلەن قوشۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.

شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يېجى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇكاننىڭ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش زاكازى %129 ئاشتى، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ قوزغىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

بازارنى قوزغىتىشتا، جەزمەن سىياسەت پايدىسىنى تېز قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل شىنجاڭ بىر قاتار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى پائال ئورنىتىپ، سودا ساھەسىدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ چىقاردى. شىنجاڭدا ئۈچ دەرىجىلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلدى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ يۈرۈشتۈرۈلدى، ياردەم پۇلى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاجرىتىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق نۇرغۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يولغا قويۇش لايىھەسى ياكى مەشغۇلات تەپسىلىي قائىدىسىنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، «ئەمەلىي» بولغان ياردەم پۇلى بېرىپ قوللاشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى كۈچلۈك شەرق شامىلىغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىنى قىزىتتى، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىش كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى تېز قويۇپ بېرىلدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ بويىچە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسىدىن نەچچە يۈز مىڭى تاپشۇرۇلۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 30 مىليون يۈەنلىك ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلاردا تاقىغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە تۈرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %61.3، %59.5 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: سودا نازارىتى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارغا بولغان ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال بازىرىدىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتنىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان بىرلەشمە خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق تۇرالغۇ تۈرىدىكى تاۋارلار ئىستېمالىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پائالىيەت كۈچ قوشتى، ئىستېمال قۇۋۋىتى ئۇرغۇتۇلدى

ياردەم پۇل قاتلىنىش، يەككە مەھسۇلات باھاسىنى بىۋاستە تۆۋەنلىتىش، زاۋۇت پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش... بازارنىڭ جانلىنىشى سىياسەتنىڭ كۈچ بېرىشىدىن باشقا، يەنە كارخانىلارنىڭ كۈچ قوشۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ «يۇقىرىلىتىپ» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگەرلىرى ۋە كەڭ ئىستېمالچىلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى باشلىدى، ئىستېمال بازىرىنىڭ «باھار سۈيى» يەنە بىر قېتىم جانلاندۇرۇلدى.

«2024- يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ، كارخانا، ساھە جەمئىيەتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆي يەرمەنكىسى، ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق 600 مەيداندىن ئارتۇق بايراملىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتتى، پۈتۈن رايون ھەمتۈرتكە بولۇپ ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى.

سانجى شەھىرى خاۋتيەنشياڭ ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى تەن لىلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر دۇكىنىمىزدا سېتىلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ %90ىنىڭ ھەممىسى كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولغان ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلار شۇ كۈنىلا ماي كارتىسى ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ نەق مەيداندا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تولدۇرۇپ يوللىشىغا ياردەم بېرىپ، بىراك قىلىش ئىسپاتى، كونا ئاپتوموبىلنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، يېڭى ئاپتوموبىلغا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىشتىن ئىبارەت «بىر پونكىتتا بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش- تەمىنلەش- سېتىش، يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىن، ھۆكۈمەت- بانكا- كارخانا، تور ۋە تور سىرتى ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، سىياسەت بىرىكمە بوغچىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلدى.

سانجى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كۇڭ ۋېييۈ مۇنداق بىلدۈردى: سانجى ئوبلاستى «كۆپ سۇپىلىق تەشۋىقات يولى، كۆپ نۇقتىلىق مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش، كۆپ خىل يول ئارقىلىق بايلىقنى كېڭەيتىش» ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. نۆۋەتتە، ئوبلاست بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلىغىدىن 25 مىليون 500 مىڭ يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 110 مىليون يۈەنلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇندى.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سودا سىستېمىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمال مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنى سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىلەندۈردى.

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. ئېھتىياج نۇقتىسىدا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا بولغان قارىشىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار مەھسۇلاتنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى مەھسۇلات سۈپىتى، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە مۇھىت قوغداش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى.

ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى سۈي جيەن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەتكە غايەت زور بازارنى قوزغىتىدىغان غايەت زور كۈچ مۇجەسسەملەنگەن. نۆۋەتتىكى بازار ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولۇنۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىستېمالچىلار، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى قاتارلىق ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىدە ئورتاق پايدا ئېلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلىدۇ.

سىجىل كۈچ چىقىرىلىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى

ئىستېمال مەنزىرىسى ئىستېمالدىكى تاللاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇمۇ شىنجاڭدا ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرىدە، «تۇنجى دۇكان»، ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، سەنئەت بوشلۇقى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى نۇرغۇن ئىستېمالچىنى جەلپ قىلدى. كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەكتىن ھۆسن تۈزەش، گىرىم قىلىش، تېرە ئاسراشقىچە، ئاتا- ئانىلار، بالىلار كۆڭۈل ئېچىشتىن ئامراق ھەمراھلىرى بىلەن ھېس قىلىشقىچە، بارغانسېرى كۆپ دۇكانلاردا داڭلىق ماركىلارنى ئالىي دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ ھالىتىنى ئىنچىكە بۆلۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش كۆپ خىللىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر تەدرىجىي نامايان بولۇپ، شەھەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ «ئېقىم مىقدارى شىفىرى»غا ئايلاندى.

قەشقەر شەھىرىدىكى خۇەنجياڭ يېڭى دۇنيا تۈرلۈك ماللار شىركىتى ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، مودا پارچە سېتىش، ھۆسن تۈزەش، گىرىم قىلىشنى ھېس قىلىش قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، چۆكۈش شەكلىدىكى، ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئىستېمال مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ياشلار ياخشى كۆرىدىغان مودا داڭلىق ماركىلار، داكا نۇقتىلىرى بار، مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ئەتراپلىق» دەپ بىلدۈردى قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى بەي چۇنلى.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى يەنە بىر چوڭ يارقىن نۇقتا. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەدەنىيەت ئاساسىغا تايىنىپ ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى.

تۇرپانغا بېرىپ قۇمدا داۋالىنىش، قۇملۇقتا دالىدا قونۇش، قۇملۇق موتوسىكلىتى مىنىش بۇ يىلقى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئالقىشلانغان ھېس قىلىش تۈرى بولۇپ قالدى.

10- ئاينىڭ 31- كۈنى، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق داڭلىق مەنزىرە رايونىدا، نۇرغۇن ساياھەتچى قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە قۇم دەسسىدى، كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئالدى. «ئىلىدىن ئۆزۈم ئاپتوموبىل ھەيدەپ جيايۈگۇەنگە بېرىپ، قايتىشىمىزدا پىچان ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، بالام بىلەن قۇملۇقتا ئويناپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق» دېدى ساياھەتچى يۈ زېفېڭ.

بۇ يىل، قۇمتاغ قۇملۇق داڭلىق مەنزىرە رايونى كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ۋە مول پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قۇملۇق مەدەنىيىتى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدى. قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيەسى، يۇلتۇزلۇق ئاسماندا دالىدا قونۇش، قۇمدا داۋالىنىشنى ھېس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، مەنزىرە رايونى جەلپ قىلغان ساياھەتچى 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى.

«مەنزىرە رايونى كېچىلىك ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ توختاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىپ، پىچان ناھىيەسىنىڭ مېھمانساراي، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئىستېمالىغا كۈچ قوشۇش رولىنى ئوينىدى.» پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېن جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قىش پەسلى كېلىپ قالدى، مەنزىرە رايونى «ئاۋات پەسىلدە تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش، كاسات پەسىلدە كاساتلاشتۇرماسلىق»نى ئاساس قىلىپ، بىر تۈركۈم خاس مەھسۇلاتلارنى، مەسىلەن، كېسىپ ئۆتۈش ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، پىيادە مېڭىش ساياھىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە قۇملۇق داڭلىق ماركىسى ياراتتى.

جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئىستېمال بازىرىدىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتنىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرىمىز. يىل ئاخىرىدىكى ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېز قويۇپ بېرىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125