ئالدىنقى توققۇز ئايدا شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئۆزئارا ئۇچىدىغان قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 128گە يەتتى
22:53:17 2024-11-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئۆزئارا ئۇچىدىغان قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن تىجارەت قىلىۋاتقىنى جەمئىي 128گە يەتتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ «كەڭ قاپلايدىغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەپەرگە چىقىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر تاۋ رۇنۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ئىچىدىكى 128 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن ئۆزئارا ئۇچىدىغان قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ 70ىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پۇقراۋى ئايروپىلان تىجارەت قىلىدۇ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ئايرودۇرۇملارنى قاپلىدى. تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارىسىدىكى ئوتتۇرىچە ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنىڭ قاپلىشى 2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى 5.8دىن نۆۋەتتىكى 10.3كە كۆپەيدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇپ، «باھاسى تۆۋەن بېلەت» مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شىنجاڭ ئىچىدە ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنىڭ مەدىتىدە، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى، تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 99 يۈەن، 59 يۈەنگە چۈشتى. «زىچلىقى يۇقىرى» تېز لىنىيە بەرپا قىلىندى. بۇ يىلنىڭ ئاۋات پەسلىدە، قەشقەر- غۇلجا، ئاقسۇ- غۇلجا، غۇلجا- كۇچا، غۇلجا- چۆچەك، كورلا- چاقىلىق قاتارلىق ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە بۆلەكلىرىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىدى، غۇلجا- يەكەن، غۇلجا- قاراماي، قەشقەر- كۇچا، ئاقسۇ- بورتالا، ئاقسۇ- تۇمشۇق قاتارلىق ئۆزئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە بۆلەكلىرىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىدى.

تاۋ رۇنۋېن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى داۋاملىق ئېچىپ، كۆپەيتىپ، تۆۋەن باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز؛ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پۇقراۋى ئايروپىلانلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تايانچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىپ، مەركىزىي ئايرودۇرۇم بىلەن رايون تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارىسىدىكى تۇتىشىشچانلىقنى ئۆستۈرۈپ، «بوسۇغىسى تۆۋەن بولۇش، زىچلىقى يۇقىرى بولۇش، ئاممىۋى قاتناشقا ئايلانغان بولۇش» نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىمىز.

چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتتە شىنجاڭدا ARJ21 تىپلىق ئايروپىلاندىن توققۇزنى سېلىپ، تۇرپان، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت ئۈچ قونالغۇ بازا تەسىس قىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 46گە يېتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايرودۇرۇملارنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. «يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، بىز ARJ21 تىپلىق ئايروپىلاندىن ئوننى سېلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك ئايرودۇرۇملار بىلەن تۈگۈن ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى <تايانچ تارماق لىنىيە> ۋە ئوتتۇرا، كىچىك ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى <ئۆزئارا تۇتاشقان تارماق لىنىيە> تورىنى قويۇق توقۇيمىز» دېدى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ يۈلۇڭ.

قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا يېڭىدىن 18 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىغان بولۇپ، چۇڭچىڭ- شىنىڭ- ئاقسۇ، كورلا- تۇرپان- ئالتاي، قەشقەر- گۇچۇڭ- كۆكتوقاي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ئاقسۇ- كۇچا- شىخەنزە، ئاقسۇ- غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125