−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاش ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم.» ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياخشى كەيپىيات يارىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك».
ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئورتاق تونۇش بولغاندىلا ئىتتىپاقلىق بولىدۇ، ئورتاق تونۇش بولغاندىلا كۈچ بولىدۇ. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىپ، قاينام- تاشقىنلىققا تولۇپ، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، زور ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى، نەزەرىيە نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەڭ مۇھىمى ئىسلاھات ئورتاق تونۇشى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىنىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى تولۇق قوزغىتىلدى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما زىچ چۆرىدىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈرۈش قىلىشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىش، دەل جايىدا چۈشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراشلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى كۈچەيتىشىمىز، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى توغرا چۈشىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى، نىشان يۆنىلىشىنى توغرا چۈشىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
جۇڭگوغا ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دۆلەتتە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس. ئىسلاھات بىر مەيدان ئىنقىلاب، ئۆزگەرتىلىدىغىنى تۈزۈلمە- مېخانىزم، تېگىش قىلىنىدىغىنى ئېرىشىدىغان مەنپەئەت. رېئاللىقتىن قارىغاندا، مەيلى سالمىقى مىسلىسىز بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپپارات، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەت، خادىم قاتارلىقلارنىڭ تەلەپ بويىچە ۋاقتىدا دەل جايىدا تەڭشىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بولسۇن ياكى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك شەكىلدىكى يەرلىك قورۇقچىلىقنى تۈگىتىش، بازار توسۇقىنى تۈگىتىش بولسۇن... سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، قائىدىگە رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش جەريانى، بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت ئىلتىماس- تەلىپىنى بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىش بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ. بىز ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات داۋامىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە شەخسىي پايدا- زىيانغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات يەنە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى، بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشكە، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، رىتىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىشكە، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بەلكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى بولۇپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە توغرا كېلىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات داۋامىدا ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى توغرا بولسا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىگىلى، كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ «ئالغا سىلجىتقۇچى»سى بولالايدۇ. توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق ئىسلاھات چوڭ داۋلىلىرىنى ياخشى سۆزلەشكە ماھىر بولۇپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىسلاھاتقا مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى پائال قوللايدىغان، ئىسلاھاتقا ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى ھەم چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبال نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز تەپتەكشى ئەمەس، چوقۇم جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر ۋە توسالغۇ بولىدۇ، بوران- چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك بوران- چاپقۇننىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، بىر مەقسەتتە ئويلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، تىرىشىپ ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچساقلا، ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)