ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈشكە كەلگەن كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى
18:39:31 2024-11-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈشكە كەلگەن پېيى بازارغا سېلىنغان 24 شىركەت، ئالتە باش كارخانا، سەككىز «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى. 

 كۆرۈشۈشتە، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى ۋە كۆيۈندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك رايون ئورنى، ئەۋزەل بايلىق ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە يۈزلىنىپ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتتى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭنىڭ پۇرسىتى يەنە كەڭ كارخانىلارنىڭ پۇرسىتى. ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى پائال ئىزدەپ، تۈرلەرنى دەل جايىدا تاللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىشى، مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەڭ سۇپا بەرپا قىلىۋاتىدۇ، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 چيەنشىخې شىركىتى، گۇاڭدۇڭ خۇڭدا پاي تىزگىنلەش شىركىتى، گۇاڭجوۋ كېيى فوتو ئېلېكتىر شىركىتى، جۇڭگو ئېنېرگىيە تېجەش- مۇھىت قوغداش گۇرۇھى قۇياش ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى، يىپۇلى شىركىتى، لۇڭپىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكا شىركىتى، سىچۇەن ئالتۇن پاي چەكلىك شىركىتى، لۈنېڭ خۇيچۇڭ شىركىتى، يۈخېتيەن شىركىتى، جۇڭلۇ پاي چەكلىك شىركىتى، شېنجېن شەھىرى خۇاشېڭچاڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى، گۇاڭدۇڭ جېڭخې مەبلەغ سېلىش شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭدىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىگە يۈكسەك باھا بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى شىنجاڭدا ھەممىلا جاي تەرەققىيات پۇرسىتىگە تولغان بولۇپ، كەلگۈسى يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرغىلى كەلگەن كارخانا جەمئىي 72 بولۇپ، كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە، كارخانىچىلار ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار باغچە رايونى، كارخانا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش، تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، كەسىپلەر توپىغا مەبلەغ سېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125