ما شىڭرۇي 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ھەم 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
18:52:27 2024-11-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ھەم 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىندى. 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە نۇقتىلىق ھالدا ئاپتونوم رايوندىكى تۆت يۈرۈش بەنزە ئورگىنى، جەمئىيەت ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تارماقلىرى ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ جەمئىي 34 تارماق ۋە ئورۇنغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. 

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلدى ھەم تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تۈزەش، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزۈل- كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلىرى»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان، ئالاقىلىشىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ھەردەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈزىتىشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كۆزىتىش نازارەتچىلىكى ۋە باشقا نازارەتچىلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى دەل جايىدا، كۈچلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ ۋە تۈزىتىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىرىنچى قول رەھبەر»گە قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئىشلار، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يوچۇقلارنى ئېتىش، مەنبەدىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 5- نۆۋەتلىك، 6- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ۋە كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125