باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى، ھەمدە خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلامنى باھالاشنى ئىخچاملاش، ئەلالاشتۇرۇش، يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى باھالاشقا ئالاقىدار تەلەپ ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4- نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل- كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا توغرىلىنىپ، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇرنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ئاندىن ھەرىكەتلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەس چىدامچانلىق بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، شىنجاڭ بىلەن شىنجاڭ سىرتىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتلىرىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى، مەنىۋى جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، جەمئىيەت ئىشلىرى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلامنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئىخچاملاش، ئەلالاشتۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. مەركەزنىڭ سىياسەت تەلىپىگە توغرىلىنىپ، ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىخچاملاش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق قىسقارتىپ، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىكى قاتتىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تېرىلغۇ يەر قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىلمىي، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى، يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، مۇۋاپىق جانلىق بولغان يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا 10- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك دائىملىق كۆزىتىشى ۋە 1- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى كۆزىتىش- تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى قاتتىق، ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش- تەكشۈرۈشنىڭ شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى كۆزىتىش- تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دىققەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ساقلانما مىقدار سىياسىتى ۋە بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كېيىنكى ئىككى ئايدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملىشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)