ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3- تەرەپ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى ۋە كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسى نامايان بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان تور سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئاشقان. توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %11.7 ۋە%19.2 ئاشقان.
ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردا پارچە سېتىش ساھەسىدە، يېمەكلىك- ساغلاملىق بۇيۇملىرى، ئۈنچە- مەرۋايىت، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى ۋە 3C رەقەملىك مەھسۇلاتلار ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېمەكلىك- ساغلاملىق بۇيۇملىرى ساھەسى ئۆزىنىڭ مول بايلىقى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ، 23 مىليارد 80 مىليون يۈەن توردا پارچە سېتىلىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %63.8 كە يەتتى.
مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردا پارچە سېتىش ساھەسىدىمۇ ئوخشاشلا يارقىن نۇقتىلار نامايان بولدى. توردىكى يېمەك- ئىچمەك، توردىكى ساياھەت ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىشى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ساھە بولۇپ قالدى. توردىكى يېمەك- ئىچمەك ئۆزىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە كۆپ خىللىقى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، 11 مىليارد 150 مىليون يۈەن توردا پارچە سېتىلىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %59.6 بولدى. توردىكى ساياھەت ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى ساھەسىمۇ ئايرىم- ئايرىم ھالدا 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن ۋە 2 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېقىن توردا پارچە سېتىلىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
رايونلارغا تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تور سودا سوممىسى ۋە توردا پارچە سېتىش سوممىسى بىردەك ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭمۇ مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ توردا پارچە سېتىش ۋە ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى توردا پارچە سېتىش جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شىنجاڭدا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ كۆپ خىللىشىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت نامايان قىلىنغان.
شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.7 ئاشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 5 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بويىچە توردا پارچە سېتىش مىقدارى 130 مىليون پارچىگە يەتتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مەيدان قېتىم سانى 74 مىڭ مەيدان بولدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشنى كۆرگەنلەر 920 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)